iPhone6S نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 8-ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن
بۇندىن بۇرۇن ئالما مەھسۇلاتىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆپ قېتىم توغرا پەرەز قىلغان KGI نىڭ ئانالىزچىسى گو مىڭچى (郭明池) نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مەبلەغ سالغۇچى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى كېيىنكى ئەۋلاد iPhone6S نى ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش 9-ئايدا ئېلان قىلماستىن بەلكى بۇ يىل 8-ئايدا ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
گو مىڭچى كەسىپ زەنجىرىنى ئانالىز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، iPhone6S قۇراشتۇرۇشتىكى %60 دىن %70 گىچە بولغان زاكازغا خۇڭخەي گۇرۇھى (鸿海集团) ئېرىشىدىكەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياخشى مەھسۇلات نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.