تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن تەرلەش نورمالمۇ ؟

جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن تەرلەش نورمالمۇ ؟

گۈزەل بولغان جىنسىي تۇرمۇش ئادەمنى ئۇنتۇلغۇسىز لەززەتلەر قاينىمىغا تاشلايدۇ، ئەمما دائىم، ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئەنسىرەشلەر ئادەمنى دىلغۇل قىلىدۇ. يېقىندا ئەرلەردىن "جىنسىي تۇرمۇشتىن كېيىن نېمىشقا دائىم تەرلەيمەن؟ "دىگەن سۇئال بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى. بۇ مەسلىگە شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى  مۇتەخەسىسى مۇنداق ئىلمىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىدۇ.

نورماللىق

جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر ھەرىكەت بولغاچقا، تەر چىقىشمۇ نورمال ئىش. جىنسىي تۇرمۇش بەدەندىكى كالورىيەنى كۆپ مىقداردا "كۆيدۈرۈپ چىقىرىدۇ"، ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي تۇرمۇشتا ئادەتتە ئەرلەر ئاكتىپراق بولغاچقا، ھەرىكەت قىلىشى كۆپرەك بولىدۇ. رەسىمىي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش باسقۇچىدا، قاتتىق ھاياجانلانغانلىقتىن، بۇخىل ھاياجانلىنىشتىن ئۆزلىگىدىن يۈرەك تېز سوقۇش، نەپەس تېزلىشىش، موسكۇللار تارتىشىپ قالغاندەك بولۇش، مەڭزى قىزىرىش، قان بېسىمى ئۆرلەش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، تەر بەزلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئىنكاس بولۇپ، ئازراق تەرلەش نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. باھار پەسلىگە قەدەم قويۇشىمىز بىلەن ھاۋانىڭ بارا-بارا ئىسسىشى بىلەن، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشمۇ تېز بولىدۇ، ئېنىرگىيەنىڭ خورىشىمۇ كۆپ بولىدۇ، شۇڭا جىنسىي تۇرمۇشتا تەرلەش نورمال ئەھۋال، ھەتتا تەر بەك كۆپ چىقىشمۇ نورمال بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال دەپ قاراشقا بولىدۇ.

نورمالسىزلىق تەرەپلىرى

ئەمما، جىنسىي تۇرمۇشتىكى بەزى بىرقىسىم تەر چىقىش ئەھۋاللىرى بولسا كېسەللىك ئەھۋالى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ، دائىم ئۇچىرايدىغانلىرىدىن پىسخىكىلىق سەۋەب ۋە بەدەن ساپاسىنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ. پىسخىكىلىق سەۋەبتىن پەيدا بولىدىغان تەرلەش ئاساسلىقى جىددىيلىشىش، ئۆزىدىن ئەنسىرەش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن بولىدۇ. جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچىرىغان ئەرلەردە، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا قايىم بولماسلىقتىن ئەنسىرەش بولۇپ، روھىي جەھەتتىن قاتتىق جىددىيلىك بولىدۇ-دە، مۇقەررەر ھالدا تەرلەش بولىدۇ. بەدەن ساپاسى ئاساسلىقى ماغدۇرسىزلىق، باھ ئاجىزلىشىش، مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن، ئىسسىقى ئېشىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئەھۋالدا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىپادىسى ئاساسلىقى ھەرىكەت قىلغاندا كۆپ تەرلەش، ماغدۇرسىزلىنىش، سوغۇق تەرلەش، بەل تېلىپ ئاغرىش، چىرايى سۇلغۇن كۆرۈنۈش قاتارلىقلار.

قانداق قۇتۇلىمىز

جىنسىي مۇناسىۋەتتە ھەددىدىن زىيادە كۆپ تەرلەشكە نىسبەتەن شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى تۆۋەندىكىدەك تەدبىر قوللىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەندە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىكى؛ جىنسىي مۇناسىۋەت بەك جىددىي بوپ كەتمەسلىك، ھەم ۋاقىتنى زىيادە ئۇزۇن قىلىۋەتمەسلىك؛ ئەگەر ئەر تەرەپ بەك كۆپ تەرلىسە، ئاياللار سەل ئاكتىپراق ئورۇندا تۇرۇش؛ ھاۋا ئىسسىق ۋاقىتلاردا شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش قاتارلىقلار.

ئەگەر توختىماي تەر ئاقىدىغان ئەھۋال ئۇزاققىچە داۋاملاشسا ئۆلچەملىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كۆرۈنۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.


شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تەشۋىقات بۆلۈمى تەييارلىغان،

كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

 




تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز