1. يېڭى ئۈزۈۋېلىنغان گۈل شېخىنىڭ كېسىلگەن يۈزىگە ئاش تۇزى سۈركەش ياكى گۈل شېخىنى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇش ئارقىلىق گۈلنىڭ يېڭى ھالىتىنى خېلى ئۈزاق ۋاقىت ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. نەرگىس گۈلى قاتارلىق گۈللەرگە بۇ خىل ئۇسۇل مۇۋاپىق كېلىدۇ.
2. گۈل سېلىپ قويىدىغان لوڭقىغا بىر ئاز ئاچچىقسۇ قۇيۇپ قويغاندا، گۈلنىڭ يېڭى پېتى تۇرۇش ھالىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
3. يېڭى ئۈزۈۋېلىنغان گۈل شېخىنى قېنىق دەملەنگەن سوغۇق چايغا چىلاپ قويغاندا، چېچەكلەش مەزگىلىنى بىر ھەسسە ئۇزارتقىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلدا گۈل بىر ھەپتىگىچە سولىشىپ قالمايدۇ.
4. سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر سېلىپ قويغاندا، گۈل شېخىنىڭ كۆپۈشۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، گۈلنىڭ ئاسان سولىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئاساسلىقى بېلىقگۈل، قوقانگۈلدەك گۈل سېپى يۇمران، بەرگى قېلىن گۈللەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
5. يېڭى ئۈزۈۋېلىنغان گۈلنىڭ ياپراقلىرى ساڭگىلاشقا باشلىغاندا، گۈل شېخىنى بىر ئاز كېسىۋېتىپ، سۈزۈك سۇ قاچىلانغان بوتۇلكىغا گۈل تاجى (يەنى گۈل بېشى)نى سۇ يۈزىگە چىققۇدەك قىلىپ چىلاپ قويغاندا بىر – ئىككى سائەتكىچە گۈل شېخىدا جانلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
6. يېڭى ئۈزۈۋېلىنغان گۈلنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىلمان سۇغا ئون مىنۇت ياكى قىزىق سۇغا ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى سوغۇق سۇ قاچىلانغان لوڭقىغا سېلىپ قويغاندا، گۈل شېخىنىڭ كېسىلگەن يۈزىنى قوغداپ قالغىلى ھەم گۈل شېخى توقۇلمىلىرىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.