تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كۈتسەڭ مېنى باغلاردا كۈتكىن

ئابدۇرېھىم مۇھەممەد سەھرايى

قۇشلار بىلەن بىللە بارىمەن

كۈتسەڭ مېنى باغلاردا كۈتكىن،

باھار بىلەن بىللە بارىمەن.

ئۇۋا ئىزدەپ ئايۋانلىرىڭدىن،

قۇشلار بىلەن بىللە بارىمەن.

سالقىنغىنە ئويغىتىپ سېنى،

تاڭلار بىلەن بىللە بارىمەن.

يا پەردىلەپ يامان كۆزلەرنى،

چاڭلار بىلەن بىللە بارىمەن.

چاچلىرىڭنى نەمدەپ سەھەردە،

يامغۇر بىلەن بىللە بارىمەن.

ئاشلىرىڭدا لەيلىگەن يۇمران

چامغۇر بىلەن بىللە بارىمەن.

سايلىرىڭدا يۈرگەن چۆرگىلەپ

قويۇن بىلەن بىللە بارىمەن.

ئۇكىلىرىڭ ئوينىغان ئوماق

ئويۇن بىلەن بىللە بارىمەن.

ئېرىقلارنىڭ بويىدا ئۈنگەن

يالپۇز بىلەن بىللە بارىمەن.

تاشتەرمەكتەك سەن ئوينىغان شۇ

يۇلتۇز بىلەن بىللە بارىمەن.

مەھەللەڭنى ئارىلاپ ئاققان

دەريا بىلەن بىللە بارىمەن.

ھال – مۇڭ بولۇپ گۈلدۈرمىلەرگە

غوۋغا بىلەن بىللە بارىمەن.

تۇرۇپ تۇرساڭ

سەۋرلەرنىڭ مەنزىلىدە خۇشاللىق بار،

كەلمىگەنلەر كېلۇر بەلكىم تۇرۇپ تۇرساڭ.

ياخشىدۇرسەن ياخشىلىقتىن قىلما مىننەت

بىلمىگەنلەر بىلۇر بەلكىم تۇرۇپ تۇرساڭ.

گۈل ئېچىلغان باغلارنىمۇ كۆرەلەيسەن،

قىشمۇ چاغلىق ياز كېلىدۇ تۇرۇپ تۇرساڭ.

قار تاشلىغان كۆكمۇ يامغۇر تۆكەلەيدۇ،

كۆللىرىڭگە غاز كېلىدۇ تۇرۇپ تۇرساڭ.

كەتمە قاقشاپ يوللىرىڭدا داۋانلاردىن،

بار تالايلاپ تۈزلەڭ دېگەن تۇرۇپ تۇرساڭ.

ھارغىنىڭدا دەشتۇ چۆلدە ئالما ھاردۇق

ئۇچراپ قالار ئۆتەڭ دېگەن يۈرۈپ تۇرساڭ.

پۈۋلە – پۈۋلە چوغلانمىغان ئوتلىرىڭنىڭ،

بىر شامالدا يانمىقى بار تۇرۇپ تۇرساڭ.

شىرىسىزدەك كۆرۈنسىمۇ سېغىلغان سۈت،

ئۆتسە بىر پەس قايمىقى بار تۇرۇپ تۇرساڭ.

كەتمە تىللاپ ‹‹پىشمىدىڭ›› دەپ ئۆرۈكلەرنى،

‹‹ھالۋا پۈتكەي غورىلاردىن›› تۇرۇپ تۇرساڭ.

يىگىت بولغاي ئالتە كۈندە بوۋاق ئوغلۇڭ،

ياماشقۇدەك شورىلاردىن تۇرۇپ تۇرساڭ.

ئۇچۇپ كەتكەن قۇشلىرىڭمۇ كېلۇر قايتىپ،

ئاۋات بولۇر ئۆگزە، قونداق تۇرۇپ تۇرساڭ.

كۆيەر ئاغزى سوغ سۇدىمۇ ئالدىراشنىڭ،

خەمەكلەيدۇ چۆلدە يانتاق تۇرۇپ تۇرساڭ.

بەختىيارلار كۈلۈپ كەتسە كۈلۈپ قويغىن،

كۈلەلەيسەن سەنمۇ شۇنداق تۇرۇپ تۇرساڭ.

يارى بارلار يۈرسە جۈپ – جۈپ ھەسەت قىلما،

يۈرەلەيسەن سەنمۇ شۇنداق تۇرۇپ تۇرساڭ.

ئۇنتۇمايمەن شۇندىمۇ سېنى

ئەسلىگۈم بار، ئەسلەي نېمەڭنى؟

ئەسلەي دېسەم ئەسلىرىم قۇرۇق.

ئېچىپ باقسام ئالبوملىرىمنى،

خەتلىرىڭ يوق، سۈرەتلىرىڭ يوق.

ھېچ بولمىسا خاتىرەمگىمۇ،

گۈل قىستۇرۇپ قويماپتىكەنسەن.

ئەسلىدىنلا ئىزسىز – دېرەكسىز،

ئۇنتۇلۇشنى ئويلاپتىكەنسەن.

دېيىشتۇقكىن نېمىلەرنى تاڭ،

شۇنچە تاتلىق پاراڭلار ئارا.

يا كۆمگۈدەك يۈرەكلەرگە چوغ،

يا مۇزلىتىپ قىلغۇدەك يارا.

ئۇنتۇمايمەن شۇندىمۇ سېنى،

قالدى شولاڭ كۆلچەكلىرىمدە.

نەدە بولساڭ ئادرېسىڭنى ئاي

تاشلاپ تۇرار كۆزنەكلىرىمگە.

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز