تەڭرىم ياخشى كۆرىدۇ
قىز:بۇ دۇنيادا مېنىڭدەك بەخىتسىز قىز يوق دېسىمۇ بولىدۇ،ھېچكىم مېنى ياقتۇرمايدۇ!
يىگىت:ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ بار.
قىز يىگىتنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ :
-راستما،كىم؟-دەپ سوراپتۇ.
يىگىت قولىنى دەرھال قىزدىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ دەپتۇ:
-تەڭرىم!!!
كەچۇرۇم سوراش
يىگىت سۆيگىنىگە تېلىفۇن قىلىپ سوراپتۇ :
-تۈنۈگۈن ۋەدىلىشىپ قويۇپ بارىمەن دېگەنتىڭىز ،نېمىشقا بارمىدىڭىز؟
-كەچۈرۈڭ قەدىرلىكىم،ئالىم بىلەن ۋەدىلەشتىم دەپ ،ئۇنىڭ قېشىغا كېتىپتىمەن!
راستىنى ئېيتسامچۇ
يىگىت:قارىڭە،سىزگە ئاتاپ ئالغان بۇ مەرۋايىت دەل يىگىرمە تال ئىكەن.
قىز:نېمىشقا يىگىرمە تاللىقىنى ئالدىڭىز؟
يىگىت:سىزنىڭ يېشىڭىزغا تەڭ بولسۇن دەپ.
قىز:ھەتتىگىنەي!ئاۋۋال بىلگەن بولسام،سىزگە ھەقىقىي يېشىمنى دەپ بېرەتتىم ئەمەسمۇ!!!
پۇلى بارمىكەن
قىزى:بىر يىگىت تاپتىم.يېقىندا توي خېتى ئالىمىز.
دادىسى :ئۇ يىگىتنىڭ پۇلى بارمىكەن؟
قىزى:سىلەر ئەرلەر ھەممىڭلار ئوخشاش ئىكەنسىلەر،ئۇ يىگىتمۇ دادىڭىزنىڭ پۇلى جىقمۇ دەپ سوراۋاتىدۇ.
ۋەزىيەت ياخشىغۇ
قىز ئۆيگە كىرىپلا دەپتۇ:
-ئاپا ھەر قېتىم ئۆيگە قايتسام بىر مۇنچە ئوغۇللار قاش ئېتىشىدىغان بولىۋالدى -ھازىر ۋەزىيەت ئىلگىركىدىن كۆپ ياخشىغۇ،قىزىم بەش-
ئالتە يىلدىن بېرى ماڭا ئۇنداق ئەرلەرمۇ ئۇچرىمايدىغانلا بولۇپ كەتتى.
ھازىرقىنى دەڭ
قىز :مېنىڭ دادام ياش چېغىدا قالتىس پۇل تېپىپتىكەن .دادامنىڭ قانداق بېيىپ كەتكەنلىكىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
يىگىت:مېنىڭ ئۇلارنى بىلگۈم يوق !دادىڭىزنىڭ ھازىر زادى قانچىلىك پۇلى بار شۇنى بىلگۈم بار.
بۇ يۇمۇرلار پەقەت كەڭ تورداشلارنىڭ زېرىكىشلىرىنى ئازراق بولسىمۇ يوقىىتار دەپ يېزىلدى .باشقا
مەقسەت يوق.ئەگەر قىز يىگىتلار ئوتتۇرۇسىدىكى بىر بىرىنى چۇشۇرىدىغان يۇمۇرلاركەن دېسەڭلار كۆڭل