شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى مەلۇم خۇسۇسىي رازۋېدچىكلار تورى يېقىندا ساھىبجاماللارنى تەكلىپ قىلىپ ئەرلەرنىڭ لايىقىغا بولغان ساداقىتىنى سىنىماقچى بولغان، نەتىجىدە %80 ئەر ساھىبجاماللارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ساھىبجاماللار ئارىسىدىكى 25 ياشلىق دورىگەر قىز ئەيمى 100 دىن ئارتۇق ئەرنى جەلپ قىلىۋالغان. بۇ ساھىبجاماللارنىڭ ھەپتىلىك ئىش ھەققى 25 فوندستېرلىڭ بولغان. ئۇلار بۇ ئەرلەرنىڭ لايىقىغا بولغان ساداقىتىنى سىنايدىغان بولۇپ، تۈرلۈك شېرىن سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېزىقتۇرغان، نەتىجىدە %80 ئەر ساداقەتسىزلىكنى ئاشكارىلىغان.