تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يىگىتلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئاسان تاشلىۋېتىلىدىغان قىزلار

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

1. تەنتەك قىزلار. بۇ خىلدىكى قىزلار دەسلەپتە ئوغۇللارنىڭ ئامراقلىقنى كەلتۈرىدۇ ھەتتا بىر مەزگىل ئارىلىشىپلا ئۇلارغا مۇھەببەت تەكلىپى قويىدۇ. لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەنتەكلىكى يىگىتلەرنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ قويىدۇ. بۇ خىلدىكى قىزلار يىگىتىنىڭ سۆيۈشى ۋە پەرۋاسىزلىقى ئىچىدە مەڭگۈ گاڭگىراپ تۇرىدۇ؛

2. ھازازۇل قىزلار. بۇ خىلدىكى قىزلار يىگىتلەرنى ئەڭ ئاسان بىزار قىلىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ئادەم بار يوق دېمەي سورۇن تاللىماي ھازازۇللۇق قىلىشى يىگىتلەرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرىدۇ؛

3. ئۆزىنى دۇنيادا بىر دەپ چاغلايدىغان قىزلار. بۇنداق قىزلار چىراي گۈزەللىكىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، گەرچە ئۇلار باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن ئادەتتىكىچە ئادەم بولسىمۇ، ئۆزىنى گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار يىگىتلەرنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ، شۇنداق بولغاچقا يىگىتلەر بۇخىل قىزلارغا قىزىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ئاسانلا بىزار بولۇپ قالىدۇ؛

4. ھاڭۋاقتى قىزلار. بۇنداق قىزلارنى ياخشى كۆرگەن يىگىتلەر ئاسانلا پۇشايمان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىقى، دائىم قارشى تەرەپكە يۆلىنىۋېلىشى يىگىتلەرنى بىزار قىلىدۇ؛

5. ھورۇن قىزلار. جەمىيىتىمىزدە بۇخىلدىكى قىزلار بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇنداق قىزلار ئۆي ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلاردا ھۇرۇنلۇق قىلغان بىلەن، ئۆزىنى ياساشقا ئىنتايىن «چېۋەر». لېكىن بۇ خىل «چېۋەر» لىك يىگىتلەرنى ئاسانلا سەسكەندۈرىدۇ؛

6. ھەددىدىن زىيادە ئەقىللىق قىزلار. بۇ خىلدىكى قىزلار ئاسانلا يىگىتلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىدۇ. سەۋەبى، يىگىتلەر قىزلارنىڭ يەنىلا ئۆزىگە تايىنىشنى، ئۆزىدىن تۆۋەنرەك تۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. شۇڭا ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تايىنىدىغان، قارشى تەرەپنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمايدىغان قىزلار يىگىتلەرنىڭ سۆيۈشىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ؛ 

7. نەزەر دائىرىسى تار، مەيدانى ئېنىق بولمىغان قىزلار. بۇ خىلدىكى قىزلارنىڭ نەرسە سېتىۋالغاندا بولامدۇ، بىرەر ئىشنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە بولامدۇ، ئىشقىلىپ ھەممە ئىشتا مۇستەقىل مەيدانى بولمايدۇ، شۇڭا يىگىتلەر بۇنداق قىزلاردىن ئاسانلا بىزار بولىدۇ. 

مۇھەببەت ئۆزگەرمەيدۇ، يىگىتلەر يۈرىكىنى مەڭگۈ بىرىگىلا بېرىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، دېيىش ئومۇمىيلىق ئەمەس. شۇڭا يىگىتىڭىزنىڭ مىجەزى خۇي پەيلىگە يارىشا ئۇنى سۆيۈڭ، قېلىپقا سېلىۋالماڭ.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز