مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى» قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)
(2014 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - يىغىنىدا مۇنۇلار قارار قىلىندى:
1. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى
(1) 82 - ماددىسىدىكى «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى>نىڭ 147 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلار» دېگەن سۆز«<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى>نىڭ 146 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلار» دەپ تۈزىتىلدى.
(2) 85 - ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: «سۇغۇرتا شىركىتى كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىنچىكە ھېسابات دوكلاتى ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دوكلات تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك».……………………………………………………………
بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رويخەتتىكى بوغالتىرلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
14 - نومۇرلۇق
«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2014 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2014 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى
(1995 - يىل 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1- قېتىم تۈزىتىلگەن، 2009 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2014 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى> قاتارلىق بەش قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2 - قېتىم تۈزىتىلدى)
مۇندەرىجە
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 - باب سۇغۇرتا توختامى
1 - پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
2- پاراگراف جىسمانىي سۇغۇرتا توختامى
3 - پاراگراف مال - مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى
3 - باب سۇغۇرتا شىركىتى
4 - باب سۇغۇرتا تىجارەت قائىدىسى
5 - باب سۇغۇرتا ۋاكالەتچىسى ۋە سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى
6 - باب سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى
8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 - ماددا بۇ قانۇن سۇغۇرتا پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش ۋە جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش، سۇغۇرتا ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سۇغۇرتا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغان، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكەن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھادىسە يۈز بېرىپ مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغاندا، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ياكى سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن، زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغان، كېسەل بولۇپ قالغاندا ۋە ياكى توختامدا پۈتۈشكەن ياش ۋە مۆھلەت شەرتى قاتارلىق شەرتلەرگە توشقاندا، سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان سودا سۇغۇرتا ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى سۇغۇرتا پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.
4 - ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش پىرىنىسىپىغا ئەمەل قىلىش شەرت، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.
5 - ماددا سۇغۇرتا پائالىيىتى ئالاقىدارلىرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
6 - ماددا سۇغۇرتا كەسپىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان سۇغۇرتا شىركەتلىرى شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا سۇغۇرتا تەشكىلاتلىرى يولغا قويىدۇ، باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويسا بولمايدۇ.
7 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلاردىن چېگرا ئىچىدە سۇغۇرتىلىتىدىغانلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە سۇغۇرتىلىتىشى كېرەك.
8 - ماددا سۇغۇرتىچىلىق بىلەن بانكىچىلىق، ئاكسىيەچىلىك، ھاۋالىلىچىلىكتە ساھە بويىچە تىجارەت قىلىش، ساھە بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى بانكا، ئاكسىيە، ھاۋالە كەسپىي ئاپپاراتىدىن ئايرىم قۇرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
9 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇغۇرتىچىلىقنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرىدۇ. ۋاكالەت ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
2 - باب سۇغۇرتا توختامى
1 - پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
10 - ماددا سۇغۇرتا توختامى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھوقۇق - مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى پۈتۈشكەن كېلىشىمدۇر.سۇغۇرتىلاتقۇچى دېگىنىمىز سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگۈچىنى ھەمدە توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.سۇغۇرتىچى دېگىنىمىز سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگەن ھەمدە توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان سۇغۇرتا شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ.
11 - ماددا سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا سۇغۇرتىلىتىش شەرت ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى ئىختىيارلىق بىلەن تۈزۈلىدۇ.
12 - ماددا جىسمانىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىلانغۇچىنى سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.
مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتا نىشانىدىن سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.
جىسمانىي سۇغۇرتا ئادەمنىڭ ئۆمرى ۋە جىسمى سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتىدۇر.
مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى مال - مۈلۈك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەت سۇغۇرتا نىشانى قىلىنغان سۇغۇرتىدۇر.
سۇغۇرتىلانغۇچى دېگىنىمىز مال - مۈلكى ياكى جىسمى سۇغۇرتا توختامىدا كاپالەتلەندۈرۈلگۈچىنى، سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچى بولسا بولىدۇ.
سۇغۇرتا مەنپەئىتى دېگىنىمىز سۇغۇرتىلاتقۇچى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىدا قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنغان مەنپەئىتىنى كۆرسىتىدۇ.
13 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلىتىشنى تەلەپ قىلىپ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلغاندا، سۇغۇرتا توختامى ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتلىرىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.
سۇغۇرتا تالونى ۋە باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتلىرىغا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن توختام مەزمۇنىنى يېزىپ قويۇش كېرەك. ئالاقىدارلار توختام مەزمۇنىنى باشقا يازما شەكىلدە يېزىشنى پۈتۈشسىمۇ بولىدۇ.
قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەن سۇغۇرتا توختامى ۋۇجۇدقا كەلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى توختامنىڭ كۈچى ھەققىدە قوشۇمچە شەرت ياكى قوشۇمچە مۆھلەتنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
14 - ماددا سۇغۇرتا توختامى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدۇ، سۇغۇرتىچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
15 - ماددا مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى سۇغۇرتا توختامىدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا توختامى ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.
16 - ماددا سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا نىشانى ياكى سۇغۇرتىلانغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
سۇغۇرتىلاتقۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى قەستەن ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن ئادا قىلماي، سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتىلاشقا قوشۇلۇش - قوشۇلماسلىق ياكى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش - ئۆستۈرمەسلىك قارارى چىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى سۇغۇرتىچى شۇ ھوقۇقنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈندىن ئاشقىچە يۈرگۈزمىسە يوقىلىدۇ. توختام ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؛ سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى قەستەن ئادا قىلمىغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرمايدۇ.
سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن ئادا قىلماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامى تۈزگەندە سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتمىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؛ سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
سۇغۇرتا ھادىسىسى دېگىنىمىز سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدىكى ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ.
17 - ماددا سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىچى بەرگەن ئەندىزىلىك ماددىلار قوللىنىلىدىغانلىرىدا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا بەرگەن سۇغۇرتا تالونىغا ئەندىزىلىك ماددىلارنى قوشۇپ قويۇشى، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا توختام مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
سۇغۇرتا توختامىدىكى سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر ماددىلارنى سۇغۇرتىچى توختام تۈزگەندە سۇغۇرتىلىتىش تالونى، سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتلىرىدا سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ دىققىتىنى تارتالىغۇدەك قىلىپ ئەسكەرتىشى ھەمدە شۇ ماددىنىڭ مەزمۇنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا يازما ياكى ئاغزاكى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك؛ ئەسكەرتمىگەن ياكى ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن بولسا، بۇ ماددا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
18 - ماددا سۇغۇرتا توختامى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:
(1) سۇغۇرتىچىنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
(2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى شۇنىڭدەك جىسمانىي سۇغۇرتا مەنپەئەتدارىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى ۋە تۇرۇشلۇق جايى؛
(3) سۇغۇرتا نىشانى؛
(4) سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى؛
(5) سۇغۇرتا مۇددىتى ۋە سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى؛
(6) سۇغۇرتا سوممىسى؛
(7) سۇغۇرتا ھەققى ۋە تاپشۇرۇش چارىسى؛
(8) سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش چارىسى؛
(9) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاش - تارتىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى؛
(10) توختام تۈزگەن يىل، ئاي، كۈن.
سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىغا ئالاقىدار باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بولىدۇ.
مەنپەئەتدار دېگىنىمىز جىسمانىي سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتكەن سۇغۇرتا پۇلىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى مەنپەئەتدار بولسا بولىدۇ.
سۇغۇرتا سوممىسى دېگىنىمىز سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەڭ يۇقىرى سوممىنى كۆرسىتىدۇ.
19 - ماددا سۇغۇرتىچى بەرگەن ئەندىزىلىك ماددىلارنى قوللىنىپ تۈزۈلگەن سۇغۇرتا توختامىدىكى تۆۋەندىكى ماددىلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ:
(1) سۇغۇرتىچى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش؛
(2) سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ھوقۇقنى يوق قىلىۋېتىش؛
20 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى توختام مەزمۇنىنى كېڭىشىپ ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
سۇغۇرتا توختامىنى ئۆزگەرتىشتە، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تالونى ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكۇمېنتىغا ئەسكەرتىپ قويۇشى ياكى تەستىق قەغىزى قوشۇپ قويۇشى ۋە ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى ئۆزگەرتىش توغرىلىق يازما كېلىشىم تۈزۈشى لازىم.
21 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. قەستەن ياكى ئېغىر سەۋەنلىك بىلەن ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، زىيان دەرىجىسى قاتارلىقلارنى بېكىتكىلى بولمىسا، سۇغۇرتىچى بېكىتكىلى بولمىغان قىسمىدا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، لېكىن سۇغۇرتىچىلاردىن سۇغۇرتا ھادىسىسىنى باشقا يول بىلەن ۋاقتىدا بىلگەن ياكى ۋاقتىدا بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
22 - ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتا توختامى بويىچە سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، زىيان دەرىجىسى قاتارلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللاردىن بېرەلەيدىغانلىرىنى سۇغۇرتىچىغا بېرىشى كېرەك.
سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە، ئالاقىدار ئىسپات ۋە ماتېرىياللار تولۇق ئەمەس دەپ قارىسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا تولۇقلاپ بېرىشنى ۋاقتىدا، بىر قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
23 - ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش تەلىپىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا بېكىتىشى؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، 30 كۈن ئىچىدە بېكىتىشى كېرەك؛ لېكىن، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. سۇغۇرتىچى بېكىتىش نەتىجىسىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىدا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار بىلەن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ ئون كۈن ئىچىدە، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مۇددىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىن سىرت، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئۇچرىغان زىيىنىنى تۆلىشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا قانۇنسىز ئارىلىشىۋالسا بولمايدۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش ھوقۇقىنى چەكلىسىمۇ بولمايدۇ.
24 - ماددا سۇغۇرتىچى مۇشۇ قانۇننىڭ 23 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرمەيدىغانلىرىدا بېكىتىدىغان كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى رەت قىلغانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ.
25 - ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئالاقىدار ئىسپات، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە تۆلەيدىغان ياكى بېرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ سوممىسىنى بېكىتەلمىسە، قولىدىكى ئىسپات ۋە ماتېرىيالغا ئاساسەن بېكىتەلەيدىغان سوممىسى بويىچە بېرىپ تۇرسا بولىدۇ؛ سۇغۇرتىچى تۆلەيدىغان ياكى بېرىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ سوممىسىنى ئاخىر بېكىتكەندىن كېيىن، كېمىنى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك.
26 - ماددا ئۆمۈر سۇغۇرتىسىدىن باشقا سۇغۇرتىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلىش دەۋا سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ، سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۆمۈر سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارنىڭ سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىش دەۋا سۈرۈكى بەش يىل بولىدۇ، ئۇ، سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
27 - ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەردى، دەپ يالغان ئېيتىپ، سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھەمدە سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرماسلىققا ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىشقا، سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالماسلىققا ھوقۇقلۇق؛ مۇشۇ قانۇننىڭ 43 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەندىن باشقىلىرىدا سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرمايدۇ.
سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالاقىدار ئىسپات، ماتېرىيال ياكى باشقا دەلىل - ئىسپاتلارنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ھادىسە سەۋەبىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىرى ياكى زىياننى كۆپتۈرگەنلىرىنىڭ ساختا مەلۇم قىلغان قىسمىغا سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدارلاردىن ئالدىنقى ئۈچ تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سۇغۇرتا پۇلى ياكى خىراجەتنى سۇغۇرتىچىغا چىقىم قىلدۇرغانلىرى قايتۇرۇشى ياكى تۆلىشى كېرەك.
28 - ماددا سۇغۇرتىچىنىڭ سۇغۇرتا كەسپىنىڭ بىر قىسمىنى پارچىلاپ سۇغۇرتىلاش شەكلى بىلەن باشقا سۇغۇرتىچىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قايتا سۇغۇرتىلاش ھېسابلىنىدۇ.
قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە، قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىغا ۋە ئەسلىي سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
29 - ماددا قايتا سۇغۇرتىلىغۇچى ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
قايتا سۇغۇرتىلاتقۇچى قايتا سۇغۇرتىلىغۇچىنى قايتا سۇغۇرتىلاش جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلمىدى دەپ ئۆزىنىڭ ئەسلىي سۇغۇرتىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلسا ياكى كېچىكتۈرسە بولمايدۇ.
30 - ماددا سۇغۇرتىچى بەرگەن ئەندىزىلىك ماددىنى قوللىنىپ تۈزۈلگەن سۇغۇرتا توختامىدا سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار ئوتتۇرىسىدا سۇغۇرتا ماددىلىرى توغرىسىدا تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە، ئادەتتىكى چۈشىنىشى بويىچە ئىزاھات بېرىش كېرەك. سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلارغا ئىككى خىلدىن ئارتۇق ئىزاھات بېرىلگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە مەنپەئەتدارغا پايدىلىق ئىزاھات بېرىشى كېرەك.
2 - پاراگراف جىسمانىي سۇغۇرتا توختامى
31 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى تۆۋەندىكى كىشىلەرنى سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئىگە قىلىدۇ:
(1) ئۆزى؛
(2) جورىسى، پەرزەنتى، ئاتا - ئانىسى؛
(3) ئالدىنقى تارماقچىغا كىرگۈزۈلمىگەن، سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن تەربىيەلەش، بېقىش ياكى قاراش مۇناسىۋىتى بولغان ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار ۋە يېقىن تۇغقانلىرى؛
(4) سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولغان ئەمگەكچى.
ئالدىنقى تارماقچىدا بەلگىلەنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆزى ئۈچۈن سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ توختام تۈزۈپ بېرىشىگە قوشۇلغان بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنى سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئىگە قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.
توختام تۈزگەندە سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنى سۇغۇرتا مەنپەئىتىگە ئىگە قىلمىسا، توختام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
32 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى يالغان مەلۇم قىلغان بولسا ھەمدە ئۇنىڭ ھەقىقىي يېشى توختامدا پۈتۈشكەن ياش چەكلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلسا ھەمدە سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. سۇغۇرتىچىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 16 - ماددىسىنىڭ 3 -، 6 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقتىن، تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا ھەققى ئاز بولۇپ قالغان بولسا، سۇغۇرتىچى تۈزىتىشكە ھەمدە سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندە تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققى بىلەن تاپشۇرىدىغان سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نىسبىتى بويىچە بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يېشىنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلىقتىن، سۇغۇرتىلاتقۇچىنىڭ تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىدىغىنىدىن كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى ئارتۇق ئالغان سۇغۇرتا ھەققىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
33 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلارنى ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرتى بىلەن جىسمانىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرسا بولمايدۇ، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلىسىمۇ بولمايدۇ.
ئاتا - ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىشى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە بېرىلىدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ يىغىندىسى گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى بېكىتكەن چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
34 - ماددا ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختاملاردىن سۇغۇرتا سوممىسى سۇغۇرتىلانغۇچى قوشۇلمىغان ھەمدە ئېتىراپ قىلمىغانلىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختام بويىچە بېرىلگەن سۇغۇرتا تالونىنى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى رەنە قويۇشقا بولمايدۇ.
ئاتا - ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىشى مۇشۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
35 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا سۇغۇرتا ھەققىنى بىر قېتىمدىلا تولۇق تاپشۇرۇۋەتسە ياكى بۆلۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ.
36 - ماددا توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، توختامدا سۇغۇرتا ھەققىنى بۆلۈپ تاپشۇرۇش پۈتۈشۈلگەن بولسا، سۇغۇرتىلاتقۇچى تۇنجى قەرەللىك سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۈيلىگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 30 كۈن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇ قەرەللىك سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغان ياكى پۈتۈشكەن مۆھلەتتىن 60 كۈن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇ قەرەللىك سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرمىغان بولسا، توختام كۈچى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ياكى سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكەن شەرت بويىچە سۇغۇرتا سوممىسىنى كېمەيتىدۇ.
سۇغۇرتىلانغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە سۇغۇرتا ھادىسىسىگە ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا پۇلى بېرىشى كېرەك، لېكىن تاپشۇرمىغان سۇغۇرتا پۇلىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
37 - ماددا كۈچى مۇشۇ قانۇننىڭ 36 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختىتپ تۇرۇلغان توختاملارنىڭ كۈچى سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى كېڭىشىپ ھەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. لېكىن، توختام كۈچى توختىتپ تۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئىككى يىلغىچە ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە توختامنى بىكار قىلغان بولسا، سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇل قىممىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
38 - ماددا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلاتقۇچىدىن ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇشنى دەۋا يولى بىلەن تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
39 - ماددا جىسمانىي سۇغۇرتا مەنپەئەتدارىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بېكىتىدۇ.
سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى بېكىتىشتە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت. سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۆزى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولغان ئەمگەكچىنى جىسمانىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشتا، سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن باشقا كىشىنى مەنپەئەتدار قىلىپ بېكىتسە بولمايدۇ.
سۇغۇرتىلانغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا، مەنپەئەتدارنى ئۇنىڭ ۋەسىيسى بېكىتسە بولىدۇ.
40 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى بىر ياكى بىر نەچچە كىشىنى مەنپەئەتدار قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.
مەنپەئەتدار بىرنەچچە كىشى بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتلىنىش رەت تەرتىپىنى ۋە مەنپەئەت ئۈلۈشىنى بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ. مەنپەئەت ئۈلۈشى بېكىتىلمىگەن بولسا، مەنپەئەتدارلار مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.
41 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتسە ھەمدە سۇغۇرتىچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ، سۇغۇرتىچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتىش يازما ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا تالونىغا ياكى باشقا سۇغۇرتا دوكومېنتىغا ئەسكەرتىپ قويۇشى ياكى شۇ ئەسكەرتمىنى چاپلاپ قويۇشى كېرەك.
سۇغۇرتىلاتقۇچى مەنپەئەتدارنى ئۆزگەرتىشتە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.
42 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، سۇغۇرتا پۇلى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مىراسى قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىچى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:
(1) مەنپەئەتدار كۆرسىتىلمىگەنلىكتىن ياكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكتىن بېكىتكىلى بولمىسا؛
(2) مەنپەئەتدار سۇغۇرتىلانغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپ، باشقا مەنپەئەتدار بولمىسا؛
(3) مەنپەئەتدار مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە مەھرۇم بولسا ياكى ۋاز كەچسە، باشقا مەنپەئەتدار بولمىسا.
مەنپەئەتدار بىلەن سۇغۇرتىلانغۇچى بىر ۋەقەدە ئۆلۈپ كەتكەن ھەمدە قايسىسىنىڭ بۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى بېكىتكىلى بولمىسا، مەنپەئەتدار ئاۋۋال ئۆلگەن دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.
43 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈشى، زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى ياكى كېسەل بولۇشىنى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە، باشقا مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇلنى قىممىتى بويىچە قايتۇرىدۇ.
مەنپەئەتدارلاردىن سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئۆلۈشى ياكى زەخىملىنىشى، مېيىپ بولۇشى، كېسەل بولۇشىنى قەستەن پەيدا قىلغانلىرى ۋە ياكى قەستەن قاتىللىق قىلىپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىرى مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.
44 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش شەرت قىلىنغان توختام ۋۇجۇدقا چىققان ياكى توختام كۈچى ئەسلىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆلۈۋالسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن ئۆلۈۋالغاندا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغاندا، سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇلنى قىممىتى بويىچە توختامدا پۈتۈشكىنىگە ئاساسەن قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
45 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ياكى قانۇن بويىچە قوللىنىلغان جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرىگە قارشى چىقىپ زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تولۇق تاپشۇرغان بولسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇلنى قىممىتى بويىچە توختامدا پۈتۈشكىنىگە ئاساسەن قايتۇرۇشى كېرەك.
46 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى 3 - كىشىنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش، زەخىملىنىش، مېيىپ بولۇش ياكى كېسەل بولۇش قاتارلىق سۇغۇرتا ھادىسىلىرىدە سۇغۇرتىچى سۇغۇرتىلانغۇچىغا ياكى مەنپەئەتدارغا سۇغۇرتا پۇلى بەرگەندىن كېيىن، 3 - كىشىدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمايدۇ، لېكىن، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەئەتدار يەنىلا 3 - كىشىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
47 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامنى بىكار قىلسا، سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە سۇغۇرتا تالونىدىكى نەق پۇلنى قىممىتى بويىچە توختامدا پۈتۈشكىنىگە ئاساسەن قايتۇرۇشى كېرەك.
3 - پاراگراف مال - مۈلۈك سۇغۇرتا توختامى
48 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتا نىشانىدا سۇغۇرتا مەنپەئىتى بولمىغانلىرى سۇغۇرتىچىدىن سۇغۇرتا پۇلى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.
49 - ماددا سۇغۇرتا نىشانى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، سۇغۇرتا نىشانىنى قوبۇل قىلغۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ.
سۇغۇرتا نىشانى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى ئۆتۈنۈلگۈچى سۇغۇرتىچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، لېكىن، يۈك تىرانسپورت سۇغۇرتا توختامى ۋە ئايرىم پۈتۈشكەن توختاملار بۇنىڭ سىرتىدا.
سۇغۇرتا نىشانى ئۆتۈنۈپ بېرىلىپ خەۋپ كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىپ كەتسە، سۇغۇرتىچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتسە ياكى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلغان بولسا، ئېلىپ بولغان سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
سۇغۇرتىلانغۇچى ۋە ئۆتۈنۈلگۈچى مۇشۇ ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، ئۆتۈنۈپ بېرىش سەۋەبىدىن سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشتۇرۋەتكەنلىكتىن كۆرۈلگەن سۇغۇرتا ھادىسىلىرىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
50 - ماددا يۈك تىرانسپورت سۇغۇرتا توختامى ۋە ترانسپورت ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇساپە سۇغۇرتا توختامىدا، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغاندىن كېيىن، توختام تۈزۈشكۈچىلەر توختامنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.
51 - ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى دۆلەتنىڭ ئوت مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىپ، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلىشى كېرەك.
سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىغا خەتەر ئامىللىرىنى ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش توغرىسىدا ۋاقتىدا يازما تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.
سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچى ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىدە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتىش ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ.
52 - ماددا توختام كۈچكە ئىگە مۇددەتتە، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتىچىغا توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپەيتىش ياكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلغان بولسا، ئېلىپ بولغان سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختامنى بىكار قىلغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
سۇغۇرتىلانغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلىشىپ كېتىپ كۆرۈلگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
53 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىدا سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىشى ھەمدە مۇناسىپ سۇغۇرتا ھەققىنى كۈن بويىچە ھېسابلاپ قايتۇرۇشى كېرەك:
(1) سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى بېكىتىشتە ئالاقىدار ئەھۋاللاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ خەۋپى كۆرۈنەرلىك يېنىكلەپ كەتسە؛
(2) سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتى كۆرۈنەرلىك كېمىيىپ كەتسە.
54 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلىنىشتىن ئىلگىرى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتىچىغا رەسمىيەت ھەققى بېرىشى، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇشى كېرەك. سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغاندىن كېيىن توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا، سۇغۇرتىچى ئېلىپ بولغان سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرىدۇ.
55 - ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتىنى پۈتۈشكەن ھەمدە توختامغا يازغان بولسا، سۇغۇرتا نىشانى زىيانغا ئۇچرىغاندا، پۈتۈشكەن سۇغۇرتا قىممىتى تۆلەم ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.
سۇغۇرتىلاتقۇچى بىلەن سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا قىممىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، سۇغۇرتا نىشانى زىيانغا ئۇچرىغاندا، سۇغۇرتا نىشانىنىڭ سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەن چاغدىكى ئەمەلىي قىممىتى تۆلەم ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.
سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. ئۇنىڭ سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، سۇغۇرتىچى شۇنىڭغا چۇشلۇق سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا قىممىتىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.
56 - ماددا تەكرار سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچى تەكرار سۇغۇرتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە سۇغۇرتىچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
تەكرار سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىچىلارنىڭ تۆلەيدىغان سۇغۇرتا پۇلىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. توختامدا ئايرىم پۈتۈشۈلگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سۇغۇرتىچىلار سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى بىلەن سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى يىغىندىسىنىڭ نىسبىتى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.
تەكرار سۇغۇرتىدىكى سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا پۇلى سوممىسىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن سۇغۇرتا ھەققىنى نىسبەت بويىچە قايتۇرۇشنى سۇغۇرتىچىلاردىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
تەكرار سۇغۇرتا دېگىنىمىز سۇغۇرتىلاتقۇچى بىر سۇغۇرتا نىشانى، بىر سۇغۇرتا مەنپەئىتى ۋە بىر سۇغۇرتا ھادىسىسى ئۈچۈن ئىككىدىن ئارتۇق سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتا توختامى تۈزگەن ھەمدە سۇغۇرتا پۇلى سوممىسىنىڭ يىغىندىسى سۇغۇرتا قىمىتىدىن ئېشىپ كەتكەن سۇغۇرتىنى كۆرسىتىدۇ.
57 - ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، سۇغۇرتىلانغۇچى ئىمكانقەدەر زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، زىياندىن ساقلىنىشى ياكى زىياننى ئازايتىشى كېرەك.
سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتا نىشانى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان زۆرۈر ھەم مۇۋاپىق خىراجەتلىرىنى سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ سۇغۇرتىچى ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەت سوممىسى سۇغۇرتا نىشانىنىڭ زىيىنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم سوممىسىدىن ئايرىم ھېسابلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سۇغۇرتا پۇلى سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
58 - ماددا سۇغۇرتا نىشانىدا قىسمەن زىيان كۆرۈلسە، سۇغۇرتىچى تۆلەپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە سۇغۇرتىلاتقۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىدىن باشقىلىرىدا سۇغۇرتىچى توختامنى بىكار قىلسىمۇ بولىدۇ، لېكىن، سۇغۇرتىلاتقۇچىغا 15 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
توختام بىكار قىلىنغان بولسا، سۇغۇرتىچى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە سۇغۇرتا نىشانىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغان قىسمىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىدىن سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنغان كۈنگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئېلىشقا تېگىشلىك قىسمىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغىنىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
59 - ماددا سۇغۇرتا ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا پۇلى سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ بولغان بولسا ھەمدە بەرگەن سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى سۇغۇرتا قىممىتىگە تەڭ كەلسە، زىيانغا ئۇچرىغان سۇغۇرتا نىشانىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقى سۇغۇرتىچىغا ئۆتىدۇ؛ سۇغۇرتا پۇلى سوممىسى سۇغۇرتا قىممى