ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسلەر 90مىڭغا يېقىن ئايالنى بىرنەچچە يىل ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: باشقىلار تاماكا چەككەندە پەيدا بولغان ئىس ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىگە سالىدىغان زىيىنى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىدىكەن، بولۇپمۇ ئاياللار ھامىلدار بولالماسلىق، ھەيز بالدۇر توختاش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. ئەگەر ئاياللار تاماكا چەكمىسە شۇنداقلا باشقىلار تاماكا چەككەن يەردە تۇرمىسا، نەتىجىسى ئەكسىچە بولىدىكەن.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: تەتقىقات نەتىجىسى تاماكا چەككەن ياكى ئىلگىرى تاماكا چەككەن ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولالماسلىق خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمىگەن ئاياللارغا قارىغاندا%14، 50 ياشتىن بۇرۇن ھەيز توختاش خەۋپى %26 يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر ئاياللار تاماكا چېكىدىغان ئەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقتى 20 يىلدىن ياكى بالىلىق دەۋرىدە تاماكا چېكىدىغانلار بىلەن بىللە ياشىغان ۋاقتى ئون يىلدىن يۇقىرى بولغان بولسا، ھامىلدار بولالماسلىق خەۋپى ئەزەلدىن بۇنداق مۇھىت بىلەن ئۇچراشمىغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن، ھەيز توختاش دەۋرىمۇ 13 ئاي بۇرۇن كېلىدىكەن. بەدەن ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى تەربىيىلىنىش ۋە ئىسپىرت قوبۇل قىلىش ئەھۋالى بۇ نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ تاماكىدا بار مىتسىننىڭ «تۆھپىسى». چۈنكى مېتىسىن بەدەندە سترونگنىڭ ھاسىل بولۇش ئاكتىپچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.