تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا ھەقسىز مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا ھەقسىز مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ 

 

سىياسىي بيۇرو: ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايمىز. 2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، قەشقەردىكى بىر قوش تىللىق بالىلار باغچىسى، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا دەرس ئۆتمەكتە

 

  ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى، زوراۋان، تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، دىنىي مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىپ يامراپ كېتىشىنى تىزگىنلەش ۋە زوراۋانلىق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى توسۇش كېرەك. ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە چېگرا ساقلاش ئىختىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك.

[مۇھىم نۇقتا] زوراۋان، تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش.
يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى، شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمەت بىخەتەرلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستېراتىگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم بولۇشى پۈتۈن مەملىكەت ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ھازىر، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ياخشى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى تامامەن توغرا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئامانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئامانلىققا قارىتىش كېرەك.
يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى، پۈتكۈل پارتىيە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئامانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭنى تۈزەش ئىستراتىگىيەسىدىكى مۇھىم نىشان ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسىنىڭ تەخرسىز ئۈمىدى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى نۆۋەتتىكى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، دىنىي مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامراپ كېتىشىنى توسۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى توسۇش، ئۇزۇن مۇددەت جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك.

[مائارىپ] جەنۇبىي شىنجاڭغا تولۇق ئوتتۇرا ھەقسىز مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش

يىغىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئەل تۇرمۇشىنى چۆرىدەپ ئىلمىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، بىرمۇ ئائىلە ئەزاسى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت رايونلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش، تەرەققىيات مېۋىسى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئەل تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈدىغان چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، بايلىقنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىدا يەرلىكنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ سىجىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ، تۇپراق بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق تەقسىملەش، تېجەپ ئىشلىتىش ۋە ئېكىلوگىيەلىك قۇرۇلۇش، مۇھىت قوغداشقا ئېتىۋار بېرىش؛ ئېچىۋېتىش ئىستراتىگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى يادرولۇق رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش.

[جەمئىيەت] ھەر مىللەت خەلقى بىر بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما قۇرۇپ چىقىش

يىغىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چوقۇم مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئامانلىقتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، شىنجاڭنىڭ تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئەل تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قانۇن بويىچە شىنجاڭنى تۈزەش، ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق شىنجاڭنى مۇستەھكەملەش، ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق، ئاۋات، گۈللەنگەن، مەدەنىيەت ئالغا باسقان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يىغىن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، پارتىيەنىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تومۇرى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىجادكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن يۈكسەلدۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقى بىر بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللىۋى مۇھىتنى قۇرۇشنى يۈكسەلدۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقى ئۆز ئارا ئالاقە قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىشىشنى توسۇش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، دىننىڭ ئىناقلىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

[تەرەققىيات] بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا رايوننى ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى، جەمئىيەتنى تۈزەشنى كۈچەيتىش ۋە ئىجادكار بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇنچىلىق تەشۋىقات تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس زەربە بېرىش پائالىيەتلىرىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغان يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا كۆپ يۈز بېرىش ۋە ئىچكىرىگىچە يامراپ كېتىش ھادىسىلىرىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك.
يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى، ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش، نامرات ئاممىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ئەل تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىق قوغداش، چېگرا رايوننى ساقلاش ئىختىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئالاھىدە مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھالقىسى پارتىيەدە، تۈپ ئاساسى بولسا كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىدا، تۈزۈمى ناھايىتى چىڭ بولغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىدا، كېرەككە كېلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىدا. رەھبەرلىك بەنزىسى كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز