ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر «خەلقئارا نېرۋا ۋە پىسخىكا» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «كۆپ ماڭىدىغان ياكى ئاستا يۈگرەپ بېرىدىغان ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ھەرىكەت قىلمايدىغان ياشانغانلارنىڭكىدىن ياخشى بولىدىكەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ ياشانغانلارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ».
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئادەمگە نىسبەتەن يالغۇزلۇق ئەڭ چوڭ خەتەر، ھەتتا ئادەمنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسى يالغۇزلۇقنىڭ بەدەندە ھۈجەيرە ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا بەدەننىڭ كېسەللىك ۋىرۇسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى نابۇت قىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى».
ـــ ماتېرىيالدىن
مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى