قوش نىكاھلىنىش دېگىنىمىز جورىسى بار تۇرۇپ، باشقىلار بىلەن نىكاھلىنىش ياكى باشقىلارنىڭ جورىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلىنىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. قوش نىكاھلىنىش قىلمىشى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان جىنايەت بولۇپ، ئېلىمىز ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 258 – ماددىسىدا: ‹‹جورىسى بار تۇرۇپ قوش نىكاھلانغانلارغا ياكى بىراۋنىڭ جورىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ›› دەپ بەلگىلەنگەن.
بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش ئېلىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدىكى بىر تۈرلۈك تۈپ تۈزۈمدۇر. قوش نىكاھلىنىش تۈزۈمى جەمئىيەتتە ناچار كەيپىيات پەيدا قىلىپ، جەمئىيەت ئەخلاقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنى چوقۇم قاتتىق چەكلەش كېرەك.
ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، قوش نىكاھلىنىش قىلمىشى ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرنەچچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: 1) ئەسلىدىكى جورىسى بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ، يەنە باشقا بىرى بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قوش نىكاھلىنىش؛ 2) ئەسلىدىكى جورىسى بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ، يەنە باشقا بىرى بىلەن تىزىملاتماي، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قوش نىكاھلىنىش؛ 3) ئۆزىنىڭ جورىسى يوق بولسىمۇ، بىراق قارشى تەرەپنىڭ جورىسى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلىش ياكى ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ بىللە تۇرۇش؛ 4) ئەسلىدىكى جورىسى بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەر – خوتۇنلۇق نامى بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئېنىق بولغان، كېيىن يەنە باشقا بىرى بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قوش نىكاھلىنىش؛ 5) جورىسى باشقا بىرى بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلمىغان، ئەمما جورىسى بىلەن باشقا بىرى ئىلگىرى – كېيىن ياكى بىرلا ۋاقىتتا ئەر – خوتۇن نامى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا، بۇ خىل قىلمىشلار قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى دەپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ جىنايەتنىڭ سوبيېكتىپ جەھەتتىكى ئىپادىسى بىۋاسىتە قەستەنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. يەنى قارشى تەرەپنىڭ جورىسى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ ياكى ئۆزىنىڭ جورىسى بار تۇرۇپ، يەنە قەستەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ جورىسى بارلىقىنى راستىنلا بىلمەي، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ياكى ئەر – خوتۇن نامى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا، جورىسى يوق تەرەپ قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنىڭ شەرتىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ.
ئېلىمىز ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 258 – ماددىسىدىكى ‹‹جورىسى بار تۇرۇپ قوش نىكاھلانغانلار ياكى بىراۋنىڭ جورىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلار›› دېگەن بەلگىلىمە ۋە 1994 – يىلىدىكى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى››نى يولغا قويغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەر – خوتۇن نامى بىلەن قانۇنسىز بىللە تۇرغان قوش نىكاھلىنىش دېلولىرىنى قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى دەپ بېكىتىش ۋە جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ‹‹نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى›› (1994 – يىل 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، 1994 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تارقاتقان) تارقىتىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئەر – خوتۇنلۇق نامى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر ياكى باشقىلارنىڭ جورىسى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئەر – خوتۇن نامىدا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى بويىچە جازالىنىدۇ. چۈنكى يېڭى نىكاھ قانۇنىدىكى بەلگىلىمە ۋە ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا>نى تەتبىقلاشقا دائىر بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1)››نىڭ 5 – ماددىسىنىڭ1 – ، 2 – تارمىقىدىكى: ‹‹(1) 1994 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، ئەر – ئايال ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشنىڭ ماھىيەتلىك شەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، ئەمەلىي نىكاھ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ (2) 1994 – يىل 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى›› ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەر – ئايال ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشنىڭ ماھىيەتلىك شەرتىنى ھازىرلىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا نىكاھلىنىشنى تولۇقلاپ تىزىملىتىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ نىكاھلىنىشنى تولۇقلاپ تىزىملاتمىغان بولسا، ئۆي تۇتۇش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك›› دېگەن بەلگىلىمىنى قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى بېكىتىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.