تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يۆتەلنى داۋالاشتىكى ئاددىي رېتسىپلار

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

بىر دانە نەشپۈتنى پاكىز يۇيۇپ،پوستى بىلەن ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ناۋات قوشۇپ يېسە زۇكامدىن بولغان يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ. 

تۇرۇپنى پاكىز يۇيۇپ، ئاقلىمايلا نېپىز ياپىلاقلاپ، چىنىگە سېلىپ ئۈستىگە ئىككى-ئۈچ قوشۇق شېكەر سېپىپ،بىر كېچە قويسا، چىنىگە سۈيى يىغىلىدۇ، ئۇنى ئىچىپ بەرسە يۆتەلنى توختىتىدۇ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ. لېكىن ئاشقازان كېسىلى بارلار ئۇنى ئىچسە بولمايدۇ.

12 گىرام ئارپىبەدىياننى 500 گىرام سۇدا يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ 12 گىرام ھەسەل قوشۇپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەرخىل جاھىل خاراكتېرلىك يۆتەلگە شىپا بولىدۇ. 

خام كۈنجۈتتىن ئۈچ مىسقالغا ناۋات قوشۇپ سوقۇپ، قايناق سۇغا چېلىپ ئەتىگەن ۋە كەچتە ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ئۈچ كۈندە شىپا تاپىدۇ.

كۈنجۈت يېغىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر يۇتۇم ئەتتىگەندە ئورنېدىن تۇرۇپلا بىر يۇتۇم ئىچىپ بەرسە يۆتەلنى كۆرۈنەرلىك پەسەيتىدۇ.

سامساقنى ئەركەك قوينىڭ چاۋا يېغى بىلەن پىشۇرۇپ يەتتە كۈن يېسە، ساقايمىغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

ئەنجۈرنى ئاچچىقسۇ بىلەن قاينىتىپ تۆت-بەش قېتىم ئىچسە، نەچچە يىللىق كونا يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

ئامۇت ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىسسىق ئىچىپ بەرسە  قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە تېز مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز