خوتۇن ۋە گىزىت
بىر ئەر بار ئىكەن .كۈندە قولىدىن گىزىت چۈشمەيدىكەن .بىر كۈنى خوتۇنى غودۇڭشۇپ
__مەنمۇ گىزىت بۇلۇپ قالغان بولسام ،كۈندە قولىڭىزدىن چۈشۈرمەي يۈرگەن بولسىڭىز ،__دەپتىكەن .ئېرى دەرھال :
__مەنمۇ شۇنداق بولسىكەن دەيمەن .شۇنداق بولغان بولسا كۈندە ئالماشتۇرۇپ تۇرماسمىدىم ،__دەپتۇ .
نىمەمگە ھەۋەس قىلىدۇ
___ جون ،قېنى ئېيتە ،كۆپچىلىك دائىم مېنىڭ گېپىمنى قىلىشامدۇ ؟
___ ھەئە ،كۆپچىلىك دائىم گېپىڭىزنى قىلىشىدۇ .
____ راستمۇ؟ ئۇلار مېنىڭ تالانتىم ياكى ۋەزىپەمگە ھەۋەس قىلىشامدۇ ؟
__ ياق .
__ ئۇلار مېنىڭ نىمەمگە ھەۋەس قىلىشىدۇ ئەمىسە ؟
___ سىزنىڭ كاتىپىڭىزغا .
كۈندە يېڭى يۇمۇرلار يوللىنىدۇ....