ئۈجمىنىڭ شىپالىق رولى
ئاق ئۈجمە كۆز تورلىشىش، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارا ئۈجمە پۇت-قول ئاغرىش، قەۋزىيەت ۋە غەيرىي A، غەيرىي B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
چېقىر ئۈجمە ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قان ئازلىق كېسەللىرىگە شىپا بولىدۇ.
ئۈجمە نېرۋا ئاجىزلىق، نېرۋا مەنبەلىك يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە ئۆپكىنى تازىلاپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ.
ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى يۆتەلنى توختىتىپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ، سۈيدۈكنى ھەيدەيدۇ.
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى