1. يېڭى سېغىلغان ئۆچكە سۈتىنى پاختا بىلەن كۆزگە سۈركەپ بەرسە، ياشاڭغىراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. تۇخۇم ئېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق سەندەلدىن ئۈچ گىرام، ئەنزەرۇتتىن ئىككى گىرام ئېلىپ، ئاق سەندەلنى سۈرۈپ ئۈستىگە ئەنزەرۇتنى ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئىككى قاشنىڭ ئارىلىقىغا چېپىپ بەرسە، ياشاڭغىراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئۆچكىنىڭ يۇلۇنىنى پاكىز ئېلىپ، پاختا بىلەن كۆزگە چاپسا ياشاڭغىراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. كەپتەر مايىقى، ئېرىتىلگەن زاك، سىركىدىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ دورىلارنى سىركە بىلەن ئېزىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، كېسەللىك ئورۇنغا سۈركەپ بېرىلسە، ياش خالتىسى ئاقمىسىغا شىپا بولىدۇ.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/06/content_485659.htm