تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش
ئانا ئاشخانا ئۆيدە قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇۋاتاتتى، بۇ چاغدا ئوغلىنىڭ ھويلىدا تاقلاپ ئويناۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى:
- ئوغلۇم نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىسەن؟
-مەن ئاي شارىغا سەكرەپ چىقماقچى بولۇۋاتىمەن ئانا- دېدى، ئوغۇل خۇشال ئاۋازدا. قېنى دەپ بېقىڭلار، بۇ ئانا ئوغلىغا نېمە دېدى؟ ئۇ ئوغلىنىڭ ئىرادىسىگە سوغۇق سۇ سەپمىدى، ھەتتا « بالا دېگەن يالغان گەپ قىلسا بولمايدۇ»،دىمىدى ياكى «تېز كىرىپ يۈز كۆزلىرىڭنى يۇي» دېمىدى، بەلكى:
-بوپتۇ بالام، ئۆيگە قايتىپ كېلىشنى ئۇنتۇما- دېدى. دېگەندەك، بۇ بالا كېيىن ئاي شارىغا تۇنجى قېتىم چىققان ئادەم بولۇپ قالدى، ئۇ دەل ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامىستىرلاند ئىدى.
بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان چاغدا مەن مۇنداق ئىككى خىل مەنتىقىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم: بىرى، ئادەم بۇ ھاياتىدا چوقۇم بىر خىل ئادەمدىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ دەل باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە سوغۇق سۇ سېپىدىغان ئادەملەردۇر، بىراق ئەقلى بار ئادەم سوغۇق سۇ سېپىدىغان سۆزلەر بىلەن ھەقىقىي تەكلىپنى ئايرىشنى بىلىدۇ؛ باشتىن ئاخىر ھېلىقى بالىدەك قەلبتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقنى يوقاتمىغىنى تۈزۈك. بۇ دەل ئادەملەرگە بولغان قىزغىنلىقنى، ئىشلارغا بولغان قىزغىنلىقنى، ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقنى، يەنە ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمدىكى قىزغىنلىق بوغۇپ تاشلىنىدىغان بولسا، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمايدۇ، ناۋادا ئادەمدە قىزغىنلىق بولسا ھەممە يەردە قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قاراۋاتقان ئىشلار سېنىڭ قولۇڭدا روياپقا چىقىشى مۇمكىن.