ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
رېماتىزم كېسىلى مۇتەخەسسىسى يېقىندا مۇنداق دېدى: زىيادە زىچلىق مەنبەلىك سۆڭەك ياللۇغى ئاساسەن بەردەم ياشلار، بولۇپمۇ يېڭى يەڭگىگەن ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۆڭەك زىچلىقى چەكتىن ئاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى. ھامىلدارلىق، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، داس سۆڭىكى ياللۇغى، تاشقى زەخمە ۋە يەڭگىش قاتارلىقلار بۇ خىل نەتىجىگە سەۋەب بولىدۇ.
مۇتەخەسسىس يەنە مۇنداق دېدى بۇ خىل كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلارنىڭ ھەممىسىدە بەل ۋە دۈمبە ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بوغۇم ئارىلىقى قوزغىلىپ كېتىدۇ، ساغرا بىلەن يوتىنىڭ ئارقا تەرىپى ئاغرىيدۇ. ناۋادا بۇچاغدا جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولسا، كېسەل تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.