سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا
(مۇخەممەس)
مېھرىگۇل مەخەت
سەن مېنىڭ تۈۋرۈكۈم، تاغىم ئىدىڭ جان ئاتا،
كۆرسىتەتتىڭ توغرا يولنى، گەر ماڭسام خاتا،
كىرمەي ئېتىزدىن كەچكىچە، چەكسەڭمۇ جاپا،
ۋە لېكىن قىلمايتتىڭ ئازراقمۇ تاپا،
ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.
قوللىرىڭنى پۇلاڭشىتىپ يولغا سالغانتىڭ،
يىغلىمىغايسەن دەپ مېنى ئويغا سالغانتىڭ،
كۆزلىرىڭدە ياش يالغۇز قالغانتىڭ،
ئەڭ ئاخىرقى رەت مېنى باغرىڭغا باسقانتىڭ،
ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.
نەسىھەت قىلاتتىڭ دائىما چاچلارنى سىيلاپ،
گۆشلەرنى بېرەتتىڭ ماڭا تاماقتىن ئىلغاپ،
بۈگۈن خوشلاشتىڭ دۇنيادىن، يۈرەكنى تىلغاپ،
مەن قالدىممۈ بىچارە بولۇپ ئارقاڭدىن يىغلاپ،
ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.
بەڭۋاشلىقتا يۈرۈپتىمەن ئويۇنۇمنى ئويناپ،
ئېرىق–ئۆستەڭ تاغ-دالا، باغلارنى بويلاپ،
يۈرمەپتىمەن ئاتا سېنى پەقەتلا ئويلاپ،
ياشلىرىم تۆكۈلدى ئەمدى ئېڭەكنى بويلاپ،
ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.
يوق چېغىمدا يىقىلساڭ يۆلىيەلمەپتىمەن،
ئاھ! بالىلىق قەرزىمنى تۆلىيەلمەپتىمەن،
ساقىيار دەپ كېتەرىڭنى بىلەلمەپتىمەن،
ئاخىرقى رەت يۈزۈڭنى كۆرەلمەپتىمەن،
ئاھ! بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ قاپتىمەن ئاتا.