نۇرغۇن كىشى چىشنى توغرىسىغا چوتكىلاشقا ئادەتلەنگەن، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئۇسۇلدا چىش چوتكىلىغاندا چىش يوچۇقىدىكى كىرنى پاكىز چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، چىشنىڭ يۈزىدىكى ئېماللىق قەۋىتى ۋە چىش مىلىكى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
چىشنى توغرا چوتكىلاش ئۇسۇلى: چوتكىنىڭ بېشىنى چىش مىلىكىگە 45 گىرادۇس يانتۇ قىلىپ، قايتا – قايتا يېنىك چوتكىلاش كېرەك. بۇ ئۇسۇلدا چىش چوتكىلىغاندا چىش ۋە چىش ئارىلىقىدىكى قالدۇقلارنى پاكىز چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
قۇرۇق چىش چوتكىسىغا چىش پاستىسىنى چىقىرىپ ئاستا – ئاستا چوتكىلاش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن چىش پاستىسى مازغاپلىشىپ، چىشنى تېخىمۇ پاكىزلايدۇ.