قىشتا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر، زىققە قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ قوزغىلىدۇ. ياشانغانلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالسا، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى چاقىرتقاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك:
1. تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قالغان بىمارنى يۆتكەشكە بولمايدۇ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى كېلىشتىن ئىلگىرى بىمارنى قالايمىقان مىدىرلىتىشقا بولمايدۇ، ناۋادا شارائىت بولسا، ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، تىلىنىڭ ئاستىغا كىسلاتا گلىتسېرىننى قويۇش لازىم، بۇنىڭ ئادەتتە يېرىم سېكۇنتتىن بىر مىنۇتقىچە ئۈنۈمى بولىدۇ.
2. يۇقىرى قان بېسىم بىمارىنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالسا، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىمارنى يانچە ياتقۇزغاندىن كېيىن مىدىرلاتماسلىق، ياندۇرغان نەرسىلەرنىڭ نەپەس يولىنى توسۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دورا ۋە سۇ بەرمەسلىك كېرەك.
3. مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا، كېسەل قوزغالغاندىن كېيىنكى ئالتە سائەت ئىنتايىن مۇھىم، بۇ پەيتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى مېڭە توقۇلمىسى ئۇزاققىچە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك شامال دارىپ قېلىشنىڭ تۈرلۈك ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بىمارنىڭ گېپى ئېنىق بولماي، قول-پۇتى تارتىشىپ قالسا، تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، مېڭىگە قان چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك، قۇتقۇزغۇچى خادىملار كېلىشتىن ئىلگىرى بىمارنى تۈز ياتقۇزۇش، بېشىغا ياستۇق قويماسلىق كېرەك.
4. زىققە كېسىلى قوزغالغاندا، پۈركۈش دورىسىنى ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە زوڭزىيىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىككى پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغۇزۇش، بىمارنى يۆتكىگەندە يۈدمەسلىك كېرەك.
«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى