مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھەر كۈنى تىلنى يۇيۇپ تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەن. ئادەتتە ئېغىز بوشلۇقىدىكى بىر قىسىم باكتېرىيەلەر ئاساسەن تىلغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، تىلنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى مىكرو تۈشۈكچىلەر باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك ماكان ئىكەن. ئادەتتە كىشىلەر ئېغىز پۇراشنى ئۈچەي يولى ھەم ھەزىم ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئېغىز پۇراشنى ئاساسەن تىل پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ھەركۈنى چىش چوتكىسىدا تىلنى يۇيۇپ بەرسە ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/08/content_496388.htm