يېقىندا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «دۆلەت ئادەم بېدىكلىرىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك، مەن تارقىتىشنى تاللىدىم» تېمىسىدىكى ئۇچۇر كەڭ تارقىلىپ، ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتتى ھەم قىزغىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى. كۆپلىگەن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈندىدار، بىلوگ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، قانۇنشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەر كەسپىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمەلىيەتتە، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش قىلمىشى ئېغىر بولغان جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن مىساللار يوق ئەمەس، بۇ يەردىكى مۇنازىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسى «بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەكمۇ-يوق» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە بولدى.
توردا ئېلان قىلغان يەنە بىر ماقالىدە، ئۈچ بالىنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتىدە بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىش مەسىلىسى ئاساسەن ھەل قىلىنغانلىقى، ئەمما جۇڭگودا يىلىغا 200 مىڭدىن ئارتۇق بالا يوقاپ كەتسىمۇ بۇ مەسىلە تېخىچە ھەل بولمىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەندى. ئۇنداق بولسا، ئادەم بېدىكلىرىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش بالىلارنى قۇتقۇزۇپ قالالامدۇ؟
قانۇنشۇناسلىق دوكتورى مىي شاۋيەن خانىم: «بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىمدە، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ مۇنداق قىلمىشى مېنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى، بىراق نەچچە يىللىق قانۇن ئۆگىنىش ماڭا ھەرقانداق مەسىلىگە قارىتا ئەقلىي، ئوبيېكتىپ قارار چىقىرىشنى ئۆگەتتى. بىرىنچىدىن، جىنايى قىلمىشىنىڭ ئېغىر -يېنىكلىكىگە نىسبەتەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش چەكلىمىلىككە ئىگە. قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى توسۇپ قالالمىدى. ئىككىنچىدىن، ئەگەر ئادەم بېدىكلىرىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە، ئادەم بېدىكلىرى جېنىدىن تويغان جىنايەتچىگە ئايلىنىپ، ئالداپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا ساقچىلارنىڭ جىنايەتچىنى قولغا ئېلىش، تۇتۇش خىزمىتىنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مەن تەرتىپ قانۇنى ئۆگەنگەن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايى قىلمىشى ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بىر قېتىملىق جىنايى قىلمىشىنى تونۇش ۋە تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك، ھەممىسىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ قارىدى.
گۇاڭجۇلۇق ئادۋوكات جاڭ خۇي: «جىنايەتچىگە جازا بېكىتكەندە، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك، قىسقىسى ئېغىر جىنايەتكە ئېغىر جازا، يېنىك جىنايەتكە يېنىك جازا بېرىش، جىنايەتكە لايىق جازا بېرىش، جىنايىتىگە جازا ماس كېلىش كېرەك. ئادەم بېدىكلىرىگە جازا بېكىتكەندە، جىنايى قىلمىشىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قارىتا جازا بېكىتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەۋېرىشكە بولمايدۇ. ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئارقىلىق جىنايى قىلمىشنى ئازايتىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى تۆۋەنلىگەنلىكتىن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش دۇنيا مىقياسىدا چوڭ يۈزلىنىشكە ئايلىنىۋاتىدۇ، شۇڭا دۆلىتىمىزمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى ئازايتىۋاتىدۇ» دېدى.
ئەمەلىيەتتە، دۆلەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتتى. شۇڭا ئەتراپلىق ئويلانغاندا، ئادەم بېدىكلىرىگە بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش چارىسى ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلماي، ئەكسىچە ئەمەلىي ئۈنۈملۈك تەدبىر ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.