تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قانداق قىلغاندا سەمىرىپ كەتمەيمۇ ئېسىل تائاملاردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ

 1. قويۇق- سۇيۇقلىقنى تەڭشەش. تاماقلاردىكى تالاسى مول بولغان قارا ئاشلىقلار ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، قاندىكى قەنت مىقدارى كۆرسەتكۈچنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ، يەنە سىزنىڭ تېنىڭىزدىكى ئەخلەت ۋە مايلارنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تېرىڭىزنى ساغلام، پارقىراق قىلىدۇ. مەسلەن، قىزىل پۇرچاق گۈرۈچ ئېشى، توپانلىق گۈرۈچ ئېشى، سۇلۇ ئېشى، قوناق ئېشى قاتارلىقلار.

    2. گۈرۈچ تامىقىنى ئۇماچ تۈرىدىكىلەرگە ئالماشتۇرۇش. ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر خىل ئۇماچ تۈرىدىكى تاماقلارنى تاللاش، چۈنكى ئۇماچنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى گۈرۈچ تامىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ، شۇنداقلا ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرىلىشىگىمۇ پايدىلىق. مەسلەن، قارا ئاشلىق ئۇمىچى، تاتلىق ياڭيۇ ئومىچى، كۆكتات ئومىچى.

    3. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى تاللاش. كۆكتاتلارنى تاللىغاندا، قېنىق رەڭلىك كۆكتاتلارنى، بولۇپمۇ بىر قىسىم يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى تاللاش كېرەك. كىرىس گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلاردا ۋىتامىن ۋە مېنرال ماددىلار نىسبەتەن كۆپ بولۇپ بەدەن ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە بەدەننى تەڭشەپ، ئورگانىزىمنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسلەن، پالەك، يازلىق يېسىۋىلەك، كاپۇسكا، كىچىك قىچا، كاللەك سەي قاتارلىقلار.

    كۆكتاتلارنى تاللىغاندا يەنە بىر قىسىم زەمبۇرۇغ يۇسۇن تۈردىكىلەردىن قېرىنقۇلاق، گۈمبەمەدەك، لامنارىيە قاتارلىقلارنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ تولۇق، ماينى تازلاپ، ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    4. كۆكتات بىلەن پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش. قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى ھەمدە نىسبەتەن سېمىز كىشىلەر داۋاملىق پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى بىلەن كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ بىر قىسىم گۆش تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، ئاقسىل تەركىبىمۇ يۇقىرى، قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈپ ماينى ئازايىتىش رولى بار. مەسلەن، كەرەپشە-پۇرچاق ئارلاشمىسى، كۈدە-پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قورۇمىسى، يازلىق يېسىۋىلەك پۇرچاق ئۇيۇتمىسى شورپىسى قاتارلىقلار. گۆش تۈرىدىكىلەردىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنىڭ ئورنى يوق، گۆش تۈرىدىكىلەردىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش تېرىنى بارغانسىرى خۈنۈكلەشتۈرۈپ، قىزىللىقىنى ۋە پارقىراقلىقىنى يوقىتىپلا قالماستىن، يەنە ئىممۇنېتىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بىز ئېغىرلىقىمىزنى ئاشۇرىۋەتمەي، تېرىمىزنى قىزىل ھەم ساغلام قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئاقسىل تەركىبى مول، ماي مىقدارى ئاز، خولىستېرنىمۇ تۆۋەن بولغان بېلىق، راك، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنى تاللاش، بولۇپمۇ ئۇرۇق كالا، قوي گۆشى، تېرىسى ئېلىۋىتىلگەن توخۇ ئۆردەك گۆشى قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز