ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ھەممىمىز بەدىنىمىزدە بىئولوگىيىلىك سائەت بارلىقىنى بىلىمىز. ئەمەلىيەتتە قان بېسىمنىڭمۇ بىئولوگىيەلىك سائىتى بار، 24سائەتلىك ئۆلچەش نەتىجىسى كۈندۈزدىكى قان بېسىمنىڭ كېچىدىكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى دەلىللەپ بەردى. بۇنداق نەتىجىنىڭ كۆرۈلۈشىگە مېڭە ھەرىكىتىدىكى ئىختىيارلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، ۋېگتاتىۋ نېرۋا سىمپاتىك نېرۋا ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىدىن تۈزۈلىدۇ، بۇلار ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى يەنە بۆرەكنىڭ سوقۇشىغا ئوخشاش كونتۇرۇللىقسىز ھەرىكەت قىلىدۇ.
كۈندۈزدە ھەرىكىتىمىز كۆپ بولغاچقا، سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ قان بېسىمنى ئۆرلىتىدۇ، كەچ ئارام ئېلىش ۋاقتى بولغاچقا قان بېسىممۇ مۇناسىپ تۆۋەنلەيدۇ. بىراق ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلار سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە قان بېسىمى ئادەتتىكىدىن ئۆرە چىقىدۇ، چۈنكى يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار سەپەردە چارچايدۇ، يەنە يېڭى مۇھىتتىن ھاياجانلىنىدۇ، شۇ نۇقتا ئېنىقكى، ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇش قانۇنىيەتسىز، كەيپىيات تۇراقسىز بولسا قان بېسىمى تۇراقلىق بولمايدۇ.