تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى شىنجاڭدا ئىمتىھان بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان 18 ئادەم بايقالدى

  7-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈندىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، شىنجاڭدا 18 نەپەر ئىمتىھانغا خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچى بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئوقۇغۇچى يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىمتىھاندىن بۇرۇن يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى - پەن تېخنىكىلىق ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ئەسۋابى سېتىش دېلوسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھاندىن بۇرۇن يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى - پەن تېخنىكىلىق ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ئەسۋابى سېتىش دېلوسى يۈز بېرىپ، 6-ئىيۇن سانجى ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىدە بۇ خىل ئەسۋابنى سېتىۋاتقان ليۇ ۋە موۋ قاتارلىق تۆت جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن. سىمسىز تارقىتىش ئەسۋابىدىن ئىككىسى، قوبۇل قىلىش ئۈسكىنىسىدىن ئالتىسى ۋە ۋەقە سادىر قىلىشتا ئىشلىتىلگەن ئۈچ كىچىك ئاپتوموبىل قولغا چۈشكەن.

  جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تۆت نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا قارىتا تېزلىكتە ئىسپات ئىزدەۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا - سانائەت ئىدارىسى خۇالىڭ سودا شەھەرچىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ئەسۋابىنى سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىنغان.

مەنبەسى:ئۇزار تورى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز