ئاتا-ئانا بولغۇچى كىبىرنى قويۇپ، بالىلارنى ھۆرمەتلىشى لازىم، باراۋەرلىك سالاھىيىتى بىلەن بالىلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا، ئاندىن بالىلار بىلەن بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ.
ئاتا-ئانا بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى تەربىيە سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم تەرەپ، شۇڭا لاياقەتلىك ئاتا-ئانىلار ھەرقاچان ئىشتا ئادىل، توغرا، سەمىمىي بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى كېرەك. بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشتە ئەڭ مۇھىم نۇقتا بالىلارنى ئالدىماسلىق، بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپمۇ ھايات-ماماتلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت قاتارلىق ئادەتتە چەكلەنگەن سوئاللارنى سورىغاندىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىش لازىم.
بالىلارنىڭ سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان قىلمىشىغا قارىتا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئىلگىرىكىدەكلا سەمىمىي، ئىشىنىش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇشى، ئۇنىڭ بۇ خىل ئىللەتتىن چوقۇم خالىي بولالايدىغانلىقىنى ئىشىنىش، بالىلارغا ياۋاشلىق بىلەن نۇقسىنىنى تونۇشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى زۆرۈر:
1. بالىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش
ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى، ھېسسىياتى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى ئاشكارا ئىپادىلىسىلا بالىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈلەيدۇ.
2. بالىلار ئالدىدا خاتالىقىنى تونۇشقا جۈرئەت قىلىش
بالا تەربىيىلەشتە ئاتا-ئانا بولغۇچى بىر قىسىم خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇخىل سەۋەنلىكنى بالىلارغا ئوبيېكتىپ ھالدا چۈشەندۈرسە، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن ھەل قىلسا، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان زىياندىن خالىي بولالايدۇ.
3. باشتىن-ئاخىرغىچە ئۈلگە بولۇش
باشتىن-ئاخىرغىچە بىردەك ئۈلگە بولۇش دېگەنلىك مەلۇم ئىش ياكى مەلۇم ۋەقە يۈز بەرگەندە ھەممىسىنى ئوخشاش بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش دېمەكتۇر. شۇندىلا بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.