تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
‹‹تەبئى ئوزۇقلۇق ‹‹ھەسەل

 

تەبىئى يېمەكلىك  -ھەسەل

ھەسەل-ھەسەل ھەرىسى ئۆسۈملۈك گۈل چىڭى شىرنىلىرىنى شوراپ ،ئۇنى ئۆز تىنىدىكى ئاجرالمىلار بىلەن بىرىكتۈرۈپ چىقارغان سەر خىل ماددىلارنىڭ تەبىئى تويۇنغان ئىرىتمىسى بولۇپ، رەڭگى ئاق، كەھرىۋا قاتارلىق 7 خىل رەڭدە، تەركىۋىدە ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق  بولغان  سۇ،كاربۇن سۇبىرىكمىلىرى ،كىسلاتا تۈرىدىكى بىرىكمىلەر،ۋىتامىنلار،مىنىرال ماددىلار، ئاقسىللار،ھىدروكسى مېتىلول، فۇرفۇرال، ھەرخىل  خۇشپۇراقلار بولۇپ  180  خىلدىن ئارتۇق تەركىپتىن تۈزۈلگەن . ھەسەل ھەرىىسنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ئاساسەن ،ھەسەلنىڭ تۈرىمۇ بىرنەچچە خىل بولىدۇ.تەبىېئى ھەسەلنى زاۋۇت ياكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ياسىغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت بىر مۆجىزە، خالاس.

ھەسەلنى تونۇش
‹1›.رەڭگى :ھەسەل مەنبەسىنىڭ  ئوخشىماسلىغىغا قاراپ سۈزۈك ئاقۇشرەڭلىك،ئاق رەڭلىك،سۇس كەھرىۋا رەڭلىك، كەھرىۋا رەڭدىن تۇتۇق قوڭۇر رەڭلىك قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ.

‹2›.پۇرىقى:قايسى خىل ئۆسۈملۈك گۈلىنىڭ ھەسىلى بولسا شۇ خىل ئۆسۈملۈك  گۈلىنىڭ پۇرىقى بولىدۇ.پۇرىغاندا چۈچۈمەل ماددىلارنىڭ ،ئىسپىرىتلىق  ئىچىملىكنىڭ،ئىچىغان ماددىلارنىڭ ۋە باشقا ماددىلارىڭ پۇرىقى بولمايدۇ.

‹3›.تەمى: ھەسەل تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ  شىرىن، يىقىملىق شىرىن،ئىنتاين شىرىن ،بەزىلىرىدە سەل قىرتاق تەم بولىدۇ.

‹4›.ھالىتى: كۆپ قىسمى يىپىشقاق، ئىقىشچان  ھەم ئىرىشچان كىلىدۇ ، بىر قىسمى كىرىستال ھالەتتە ،ھەتتا پۈتۈنلەي كىرىستال ھالەتتە بولىدۇ. تىمپىراتۇرىسى 13 سىلسى گىرادۇستىن تۆۋەنلىگەندە قىتىشقا باشلاپ ،تۇتۇق مايسىمان ھالەتكە كىرىدۇ. شىكەر ئارىلاشتۇرغان ھەسەلنىڭ كىرىستاللىنىش دەرجىسى بىر قەدەر تۆۋەن، ساپ شىكەر ھەسىلى كىرىستالاشمايدۇ.ھەسەلدە ئۆلۈك ھەرە لىچىنكىلىرى،كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان غەيرى ماددىلار بولماسلىقى كىرەك.

‹5›.دەرجىسى:فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك ئالاھىدىلىگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، بىرىنجى دەرجىلىك ھەسەل،ئىككىنجى دەرجىلىك ھەسەل دەپ ئىككى دەرجىگە ئايرىلىدۇ.

‹6›.سۇ تەركىۋى: بىرىنجى دەرجىلىك ھەسەلنىڭ سۇ تەركىۋى تۆۋەن (ئاز)، ئىككىنجى دەرىجىلىك ھەسەلنىڭ سۇ تەركىۋى يۇقىرى (كۆپ) .ھەسەل تەركىۋىدىكى سۇ مىقتارى قەنچە تۆۋەن بولسا ،ھەسەل شۈنچە پىشقان ، دەرجىسى يۇقىرى ، ساقلاش ۋاختىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ.ئەگەر ھەسەل تەركىۋىدىكى سۇ مىقدارى يۇقۇرى بولسا، مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ ئۆسۈشى ئەۋىج ئىلىپ ،ھەسەلنىڭ ئاسان ئىچىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،ساقلاش ۋە ئىشلىتىشكە سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

‹7›.ھەسەلنىڭ تۈرى: ھەسەل –ھەسەل ھەرىسى توپلىغان ھەسەل مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەككە ئۆسۈملۈك  گۈل شىرنىسىدىن يىغىلغان ھەسەل، ئارىلاشما ئۆسۈملۈك گۈل شىرنىسىدىن  يىغىلغان ھەسەل،سۈيۇق ھەسەل ۋە كىرىستال ھەسەل ،ھەرە كۆنىكىدىن ئايرىپ ئالغان ھەسەل ،پىشقان ھەسەل ۋە خام ھەسەل، قىنىق رەڭ ھەسەل ۋە سۇس رەڭ ھەسەل ،ئەتىياز،ياز،كۈز،قىش پەسلىدە  يىققان ھەسەل... قاتارلىق ھەر خىل تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

ھەسەل سۈپىتى 
(1)ھەسەلنىڭ رەڭگى ،پۇرۇقى، تەمى، ھالىتى (2)تەركىۋىدىكى سۇ(3)مىۋە شىكىرى،ئۈزۈم شىكىرى،قومۇش شىكىرى،مالتۇزا(4)بىئولۇگىيىلىك ئىنىزىملار (5)كىسلىتالىق دەرجىسى(6)نىسبى زىچلىقى (7)قويۇقلۇقى (8)ھىدروكسى مېتىلول فورفۇرال(9)كىراخمال ۋە دىكىستىرىن (10)كۈل مىقدارى قاتارلىقلار ھەسەلنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم ئامىللاردۇر.

تەبىئى ھەسەلنىڭ شىپالىق رولى

 (1).باكتىرىيىگە  قارشى تۇرىدۇ.(2)ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجىرلىپ چىقىشىنى تەڭشەپ ،ئاشقازان ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ ،قەۋىزىيەت ۋە ئىچ سۈرۈشنى داۋالايدۇ.(3).قان شىكىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.(4).ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە بۆلۈنىشىنى تىزلىتىپ ،جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ.(5).قان ئايلىنىش سىىستىمىسىغا قوش يۆنىلىشلىك رول ئويناپ ،يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ ھەم تاجىسىمان قان تومۇرنى كىڭەيتىدۇ. يۈرەك سانجىقىنى داۋالايدۇ.(6).تەبئېى ھەسەل،تەبىېى ئوزۇقلۇق ۋە تەبىئىېى تەڭدىشى يوق ئۇنىۋىرسال دورىدۇر.


    
مەنزىل:پوسكام پىيادىلار كوچىسى كىرىش ئىغىزىدىكى يەرلىك باج سول تەرەپ 7-دوكان. ساپ  تەبىئى ھەسەل،دۆلەت پاتىنىت ھوقۇقىغا ئىرىشكەن ھەرخىل گۇلقەنىت،مۇراببالار،دورىلىق چايلار  توپ ۋە پارچە سىتىلىدۇ.

ئالاقىشىڭ:  13779897498،    8248358- 0998

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز