تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
باراتنىڭ كەچمىشى

(ھېكايە)

ئابدۇۋەلى مامۇت

   بارات موخوركىسىنى كۈچەپ شورىدى. قېنىق كۈمۈش رەڭ ئىس نەچچە ھالقىغا بۆلۈنۈپ بوشلۇقتا ئاستا – ئاستا كۆزدىن غايىب بولدى.

    بولدى چەكمىڭە، دېدى باراتنىڭ خوتۇنى ئۆيگە كىرىپ، ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندەك ياتقان باراتقا، گەپ قىلسام كۆڭلىڭىزگە كېلىدۇ، بۇ ئۆي ئادەم كىرگۈسىز بولۇپ كېتىپتۇ، قاچانغىچە مۇشۇنداق ياتارسىز؟ ھېلىمۇ مەكتەپ قارىسى كۆرمەي تۇرۇپ كەنت باشلىقى بولدىڭىز...

    باراتنىڭ خوتۇنى ئادەتتە ئېرىگە بىرەر ئېغىز قاتتىق گەپ قىلمايتتى. بارات كەنت باشلىقلىقىدىن قالغاندا خوتۇنىغا بۇ ئىش ئانچە ئېغىر كەلمىسىمۇ، بىراق، ئۇ ئېرىنى بۇنچىۋالا بولۇپ كېتەر دەپ ئويلاپ باقمىغانىدى.

    ھەجەپ كوتۇلداپ كەتتىڭغۇ؟ بېشىم ئاغرىپ كەتتى. بىردەم جىم بولساڭ بولماسمۇ؟ باراتنىڭ ئېغىزى ئاخىرى زۇۋانغا كەلدى.

    سىز كەنتنى بېيىتىمەن دەپ كۆپ ئەجىر قىلدىڭىز بىراق، ئىقتىدار جەھەتتە ياشلارغا يەتمەيسىز، خوتۇنى گاسقا گەپ قىلغاندەك ئالدىرىماي سۆزلەيتتى.

    بارات ئانىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئارقىسىدا يۈرۈپ چوڭ بولغىنىنى بىلەتتى. چەيدو – پىچاقلارنى چاقلاش ئۇنىڭ ئاتا مىراس كەسپى ئىدى. ‹‹ئاتاڭدىن پۇل – مال قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن›› دېگەندەك ئۇ ‹‹چاقچىلىق›› قىلغانسېرى ئامىتى ئوڭدىن كەلدى. ئۇ پۇل تېپىپ جاھان كەزدى. ھەر قېتىم يۇرت ئارىلاپ قايتىپ كەلگەندە، مەھەللىدىكى تەڭتۇشلىرىگە سىرتتىكى ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى زوق – شوخ بىلەن ھېكايە قىلىپ بېرەتتى.

    بارات ھۈنىرىگە تايىنىپ پۇل تېپىپ كەنت بويىچە ئۆيىنى بىرىنچى بولۇپ خىشتىن سالدۇردى، كەنتتە قولىدىن ئىش كېلىدىغان كىشى دەپ قارالدى. كېينىچە، كەنت باشلىقى بولۇپ سايلاندى.

    كەنتتىكىلەر باراتقا زور ئۈمىد باغلىدى. بارات بىر قانچە يىل تىرىشىپ كەنتتىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى خېلى بېيىتتى، كەنتنىڭ نامىمۇ يېقىن – يىراقلارغا تارالدى.

    ئۇ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇ خۇددى جېنى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك كۆرۈندى، ئۇنىڭ بېشىدىكى كىرلىشىپ كەتكەن بادام دوپپىسى بېسىپ تۇرغان چاچلىرى خۇددى كىرپىنىڭ تىكىنىدەك چىقىپ تۇراتتى. ئۇ قاردەك ئاقارغان دانە – دانە ساقىلىنى سىلىغاچ ئەينەكتىكى ئادەمنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيلا قالدى.

    ئاياغ ئاۋازى باراتنىڭ دىققىتىنى بۇزدى. ئۆيگە بىرسى كىرگەنىدى. ‹‹كىمدۇ›› دېدى ئۇ يەۋاتقان نېنىنى قويۇپ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ. ئۇنىڭغىچە ئۇ كىشىمۇ لۆمشىگەن پېتى ئۆيگە كىرىپ بولدى. بۇ دەل كەنتتىكى ھەممىدىن ھۇرۇن كامىل تاپانچا ئىدى.

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم! دېدى كامىل ۋە تەكەللۇپسىزلا سۇپىغا چىقىپ باراتنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى.

    نېمە بولدۇڭ، تۈگۈشۈپلا كېتىپسەنغۇ؟ ئەمىلىڭدىن قالغىنىڭدىن كېيىن بىرەر كىشىمۇ يوقلاپ كىرمىگەن چېغى، دېگىنىچە ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئېلىپ كاڭغا قويدى – دە، زاكۇسكاڭ بولسا چىقارمامسەن؟ دېگەندەك باراتقا قارىدى.

    كامىل تاپانچىنىڭ مىجەزى ئوسال بولغاچقا، ھەممە ئۇنىڭدىن قاچاتتى. ئۇنىڭغا تاپانچا دېگەن بۇ لەقەمنى كىم، قاچان قويغانلىقىنى باراتمۇ بىلمەيتتى. كامىل بىلەن بارات نەچچە ياشلا پەرقلىنەتتى. بارات كەنت باشلىقى بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا كامىل باراتنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتى.

    يەنە ئىچىپسەن دە؟ دېدى بارات كامىل تاپانچىغا قارىغىنىچە.

    ھاراق سۆيۈملۈك نەرسە، ئىچسەڭ راھەتلىنىپ قالىسەن. مۇشۇنداق ياتقان چاغلىرىڭدا بىر – ئىككى رومكا قېقىۋالساڭ دەردىڭنى ئۇنتۇغاندەك بولىسەن.

    راست گەپنى قىلغاندا بارات كامىل تاپانچىنى كۆرۈپ كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك بولدى. بىر قانچە كۈندىن بېرى، كېچە – كۈندۈز توختىماي جىرىڭشىپ تۇرىدىغان يان تېلېفونى جىمىپلا كەتتى. يوغان دەرۋازىسىنىڭ ئەنسىز شاراقشىپ تۇرىدىغان توم قارا زەنجىرىنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلانماس بولدى. ئۇنى – بۇنى باھانە قىلىپ ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ – چىقىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئايىغىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇ ھال باراتقا غەلىتىلا تۇيۇلدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ‹‹ئاغىنىلىرى››بىلەن ئوبدان بىر مۇڭداشقۇسى كېلىپ قالغانىدى. ئېتىز – ئېرىقنىڭ تازا قاتىلاڭ ۋاقتى بولغاچقا ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى.

    كامىل تاپانچىنىڭ گەپلىرى باراتنىڭ قۇلىقىغا خۇددى مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ تاپانچىنىڭ بالدۇرراق چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتتى.

    مېنى تازا قارشى ئالمىدىڭغۇ دەيمەن؟ دېدى كامىل تاپانچا تەكچىدىكى پىيالىدىن ئىككىنى ئېلىپ، ئالدىغا قويۇپ، خىزمەتنى دەپ خېلى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويدۇڭ، مانا تېخى ئىككى كۈن بولمايلا يالغۇز قاپسەن. ماۋۇ ھاراقنى ئىچىۋېتە ئىچىڭ بوشاپ قالىدۇ، دەرد – پەرتلىرىڭنى ئۇنتۇيسەن، دېدى كامىل تاپانچا توشقۇزۇپ ھاراق قۇيۇلغان پىيالىنى باراتقا سۇنۇپ. كامىل تاپانچىنىڭ تۇرقىمۇ ياكى قىلىۋاتقان سېسىق گېپى تەسىر قىلدىمۇ، باراتنىڭ تۇرۇپلا كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى.

    ئىچمەيمەن! دېدى بارات ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كامىل تاپانچىنىڭ قولىنى ئىتتەرگەچ.

    كامىل تاپانچا شالاڭ قېشىنى يىمىرىپ، گەز باغلاپ كەتكەن كالپۇكىنى تىلى بىلەن تۇرۇپ – تۇرۇپ يالاپ قويۇپ، بىز دېگەن كاسىمىزغا ئىشتان كىيمىگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىللە ئوينىغان جۇمۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھالىمىزغا يېتىشمىسەك...

    مېنىڭ جىددىي ئىشىم بار ئىدى، دېدى بارات ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، مېنى يوقلاپ كىرگىنىڭگە رەھمەت!

    كامىل تاپانچا ئورنىدىن تۇرغان پېتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ باراتنىڭ ‹‹ئەدەپسىزلىكىگە›› خاپا بولغانىدى...

    بارات ھويلىغا چىقتى، ئۇ ھويلىغا چىقىپ باقمىغىلى خېلى كۈنلەر بولغانىدى. ئۇ ھويلىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقتى، ھويلا سۇ چېچىلىپ پاكىز سۈپۈرۈلگەن، ھارۋا چاقىنىڭ ئىزى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. دېمەك، ئۇنىڭ خوتۇنى ھارۋا قوشۇپ ئېتىزغا چىقىپ كەتكەنىدى.

    ئۇ ئېغىلغا كىردى، قويلار باراتنى كۆرۈپ خۇددى غەلىتە بىر مەخلۇقنى كۆرگەندەك ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇشۇپ كەتتى – دە، قوتاننىڭ بىر بۇلۇڭىغا يىغىلىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە باراتقا قاراپ تۇرۇشتى. بارات ھەر قېتىم ھېرىپ قالسا ياكى بىرەرسى بىلەن دېيىشىپ قالسا قويلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇزاققىچە قاراپ تۇراتتى، ئۇ قويلىرىنى كۆرگەندە ھارغىنلىقىنى، كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى تېزلا ئۇنتۇپ، كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى.

    ئېغىلنىڭ تېمىغا ئېسىقلىق پىچاق چاقلايدىغان چاق ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى، بۇ ئورۇندۇقنىڭ ئۆزىگە نۇرغۇن ئامەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسلىدى. ئىشلىتىلمىگىلى ئۇزاق بولغاچقىمۇ ئورۇندۇق قېلىن لاي ئارىلاش توپا ئاستىدا قالغانىدى، چاقلىغۇچ بىر پارچە لاتا بىلەن يۆگەلگەن بولۇپ، لاتىمۇ خۇددى لايدىن سۈزۈۋېلىنغاندەكلا ئىدى. بۇ چاق ئۈستىلى باراتقا ناھايىتى يېقىملىق، ئىسسىق كۆرۈندى. بارات بىر پارچە لاتا تېپىپ كېلىپ ئۈستەلنى پاكىز سۈرتتى...

    ئۇ ھويلىدا قانچىلىك تۇرغىنىنى بىلەلمىدى. بىراق، ئۇ كۈنگە قاراپ، چىڭقىچۈش بولغانلىقىنى بىلدى. ئۇنىڭ نەزەرى ھىم ئېتىلگەن يوغان قارا دەرۋازىنىڭ ئارقىسىغا قويۇقلۇق كەتمەنگە چۈشتى، كەتمەن يېڭىلا ئىشلىتىلگەنتى. ئۇ خوتۇنۇم مۇشۇ تىنجىقتا قوناقلىققا سۇ تۇتقىلى چىقىپتۇ – دە، دەپ ئويلىدى. ئۇ ئادەتتە كەنت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا خوتۇنىنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىنى ئانچە بىلمەيتتى. بىر قانچە كۈندىن بېرى خوتۇنى ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەسىھەت قىلدى. ئۇ خوتۇنىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چۈشەنمىگىنىگە پۇشايمان قىلدى.

    كامىل تاپانچىنىڭ قىلغان گەپلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭغا سوغۇق مۇئامىلە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدى.

    ئۇ يەنە ئېغىلغا كېلىپ، قويلارغا قارىغىنىچە ئويغا پاتتى: نېمىشقا بۇنچىۋالا بولۇپ كېتىمەن؟ نېمە دەپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم قىينايمەن؟ ھازىرقى ياشلار مەندىن قابىلىيەتلىك تۇرسا، دېگەنلەرنى ئويلىدى – دە، تۇيۇقسىز كاللىسى ۋاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى.

    ئۇ ئويلىغانسېرى پۈتۈن جىسمى جانلىنىشقا باشلىدى. خوتۇنۇمنىڭ گېپى توغرىكەن، ئۇ مەندىن ئەقىللىقكەن ئەمەسمۇ؟...

    بىر قانچە كۈندىن كېيىن كۈن غولاچتەك ئۆرلىگەن بىر كۈنى باراتنىڭ ئاۋازى يەنە مەھەللە كويلاردا ئاڭلىنىشقا باشلىدى:

    چاقلايمەن قايچا، پىچاق!... چاقلايمەن قايچا، پىچاق!...


ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-07/26/content_441147.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز