تاماكا چېكىش قان تومۇرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى. سالامەتلىكىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسىڭىز قان تومۇرىڭىز زەھەرلىنىپ، بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ.
ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا، كۈندە 20 تالدىن كۆپرەك تاماكا چەككەندە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى، ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن؛ يەنە باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، تۈنىگەندە تاماكا چەكسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن.
ھەرىكەت ئاز بولسا قان تومۇرىدىكى ئەخلەت كۆپىيىدۇ. ئادەمنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىمۇ ناھايتى ناھايتى مۇھىم، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەمىشە سەل قارايدۇ. مېڭە قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئىككى –ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ؛ تۆۋەنكى مۈچ قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە، بۇ ئېھتىماللىق تۆت ھەسسىگە يېتىدۇ.
نورمال ئادەمنىڭ ھەر كىۋادىرات مىللىمېتىر تېرىسىدە 600 تال قىلدام تومۇر بولۇپ، ئادەتتە ئاران 100–200 ىلا ئېچىلىدۇ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، تېخىمۇ كۆپ قىلدام قان تومۇر ئېچىلىپ، مىكرو قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا، قان تومۇرىدىكى ئەخلەت تەدرىجى كۆپىيىپ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ، يەنە قىلدام قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.