تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن ( ئەسەرلىرى )

 


تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن 1980-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى يەكەن ناھىيە ئېشقۇل يىزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يىزىسىدا تاماملاپ،1997-يىلى يەكەن ناھىيلىك كەستى تولوق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان،2000-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە يەكەن ناھىيە پەكىچى يىزىسىدا يەككە-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

 

ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيتى 2007يىلى ئاقسۇ ئەدەبىياتىنىڭ 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان‹‹شىرىن چۈش›› نامىلىق شېئىرى بىلەن باشلانغۇن بولوپ ھازىرغىچە ‹‹تارىم››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹قۇمۇل ئەدەبىياتى››،‹‹قىزىلسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹تۇرپان››، ‹‹قەشقەر››،‹‹كۈسەن مەدەنىيتى››،‹‹مۇزات دولقۇنلىرى›› قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 100پارچىدەك شېئىرلىرى ئىلان قىلىنغان،‹‹سۇمرۇغ››، ‹‹بەرقى››، ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى››، ‹‹كۆيۈكتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى››، ‹‹يانغىن ئەدەبىيات مۇنبىرى››قاتارلىق تور بەتلەردە 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئىلان قىلىپ تور ئەدەبىياتىغىمۇ بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشىۋاتىدۇ...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


بەك ئۇزۇن مۇساپە مەن يازغان شېئىر
(شېئىرلار)
تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن

شاماللارغا يىيىلىپ بىھوش،

يۇلقۇنىدۇ جىگدە چىچىكى.
سۇبھىدەمدە ئىچىلغان گۈللەر،
چىن سۆيگۈنىڭ تۇنجى بىزىكى.

سىم –سىم چۈشكەن باھار يامغۇرى،

چاڭقاق دىلغا بىرىدۇ شاتلىق.
دىرىزەڭدىن كۈلگەندە ناھار،
توموروڭدا ئاقىدۇ پاكلىق.

كائىناتقا باقساڭ سىنچىلاپ،

سۆيگۈ جامىڭ تولىدۇ پەۋەس.
مەۋىج ئۇرسا دىلدا ساداقەت،
سۆيۈلمەك ھەم سۆيمەك تەس ئەمەس.

 

ھاياتلىق- ئۆلۈمگە بارىدىغان يول

قۇياشنىڭ مېھرىدۇر- سىلىق-سىپايە،

رەنجىگەن كۆڭۈلنى قىلىدىغان گول.
ھەقىقەت دۇنيانىڭ رۇشەن ئەينىكى،
ھاياتلىق- ئۆلۈمگە بارىدىغان يول!

بۇلۇتنىڭ يىغىسى- تۆكۈلگەن ئاسمان،
گۈللەرنىڭ شاتلىقى سەھەر ھەم گۇگۇم.
قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىدا تۇرغان،

رىۋايەت پۇتىدۇ تارىخ ئىزىدىن،

(ئۇ ئاددى سۆز ئەمەس ئىككى كەلىمە)،
كەلگەننىڭ دۇنياغا  كەتمىكى بەرھەق!
يۇلتۇزلار توپىغا تەئەللۇق ھەممە.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

 

بىر چىمدىم تۇپراقتا- سانسىز ھاياتلىق،
ئادەم ھەم ھەۋۋامۇ يارالغان شۇندىن.
كۆزىنى نەم قىلىپ قارايدۇ دۇنيا،
بىر تامچا ھاياتلىق كەچكەندە جاندىن. 

يۇلتۇزلار تۆشەكتە سۆزلەر رىۋايەت.

قۇشلارنىڭ كۈلكىسى تاتلىق شۇ قەدەر.
چۈشۈمنىڭ  مەڭزىنى سويلايدۇ سەلكىن،
گۈللەرنىڭ بەرگىگە قۇنغاندا سەھەر.

 

 

بىر دەريا ئاقىدۇ سۆيگۈ شەھرىگە،
قۇياشقا تۇتاشقان ئۇنىڭ مەنزىلى.
بەك ئۇزۇن خىيالغا تۇرار باغلىنىپ،
يار ئۈچۈن يىزىلغان شېئىرنىڭ دىلى.

 

 

غىرىپلىق ئەگىيدۇ بۇندا ھەم ئۇندا،
چۈش ئەمەس تۇيغۇمدا كۆيگەن رىئاللىق.
يارىمنىڭ چىچىدەك ئۇزۇن بەك ئۇزۇن،
باغرىمدا كۆكلىگەن چەكسىز تەنھالىق.

بىر دەريا ئاقىدۇ سۆيگۈ شەھرىگە،
مەن ئۇندا ئاقىمەن خىياللار ئىچرە.
يۇلتۇزلار ئاسماندا مەشرەپ باشلىدى،
مەن يەنە چۈش كۆرەي شىرىن بىر كېچە
بەخىت
نىگاھلار ئۇچراشتى باھاردەك  ئىللىق،
خىيالنىڭ  بەرگىگە قوندى  تەبەسسۇم.
مەن يازغان شېئىردەك سىلىق-سىپايە،
يۈرەكنىڭ يامغۇرى تۆكۈلدى يۇم-يۇم.

 
 

يۇلتۇزلار ئولتۇردى ئالتۇن تەخىتتە،
ھىلالئاي  زېمىنغا تۆكتى ھاياجان.
ئويناقشىپ-ئويناقشىپ شۇخلۇقى بىلەن،
باغرىمغا باغرىنى ياقماقتا جاھان.

تۇيغۇمدىن باشلانغان  داغدام يول بىلەن،

سۆيگۈنىڭ شەھرىگە ماڭدىممەن ئۇدۇل.
مەن سۈرگەن بەخىتنىڭ رىۋايىتىنى،
كۈيلىدى بەك ئۇزاق گۈل بىلەن بۇلبۇل.

بۈگۈن كەچ ھېلىقى كوچىدىن ئۆتتۈم
بۈگۈن كەچ ھېلىقى كوچىدىن ئۆتتۈم،
توزوپتۇ يار بىلەن ئۆستۈرگەن گۈللەر.
توزوپتۇ ھاياتنىڭ ئالتۇن دەملىرى، !
توزوپتۇ  ئاشىق دىل -شەيدا كۆڭۈللەر

توزوپتۇ مەن ئىيتقان ھېلىقى ناخشا،
يارىمنىڭ مەيلىنى كۈيلەرگە قاتقان.
توزوپتۇ ھەر تامان شىرىن چۈشلىرىم،
ھەر كېچە  ۋىسالنىڭ باغرىدا ياتقان

توزوپتۇ بەك يىراق يارىمنىڭ ھىدى ،
توزوپتۇ مەڭگۈلۈك شىرىن ئەسلىمە!
توزوغان تۇرسىمۇ ،ئاشۇ دەملەرنى
مەن نىچۈن؟ ھەر تىنىق ئەسلەيمەن يەنە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كۆيمەكتە كوچىنىڭ پايانى ئارا،
توزۇغان گۈللەرنىڭ بەرگىدە قان ياش.
كۆيمەكتە ھەر تامچە ئۈمد باغرىدا،
بەختنىڭ قەسرىدىن قوغلانغان قۇياش. 

ئاشىقلىق دەشتىدە كۈل بولدى خىيال

قۇياشنىڭ بەھرىگە  تۇتتۇم دەستە نۇر.
گۈللەرنىڭ چېھرىدە رەڭگارەڭ ئازاپ.
خىياللار سۇ ئىچتى خىيال جامىدا،
يىغلاڭغۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ.

 
 

دەرەخلەر سۆز ئاچتى «سۆيگۈ ھەققىدە»
ئاشىقلىق دەشتىدە كۈل بولدى خىيال.
مەن يارغا ئاتىغا ساداقىتىمنى،
سۆزلىدى ئاھ ئۇرۇپ بوي تارتقان ھىلال.

 

 

ئۇزىدى يىراققا مەن ماڭغان يوللار،
ھەر كېچە چۈشۈمنى بۇزدى سەرسانلىق.
ھېلىقى كوچىنىڭ پايانى ئارا،
ئۆزىدىن -ئۆزىگە ئاقتى تەنھالىق.

 

چۈش
كېچىنىڭ باغرىغا سوزۇلدى بىر يول،
يۇلتۇزلارچاقنايدۇ خىرە بەك خىرە.
يىڭىلا بوي تارتقان ئاينىڭ نۇرىدا،
خىياللار بوينۇمغا سالماقتا گىرە.

خىياللار ھوجرامدىن ئۇزىغان مەھەل،

مەن كەتتىم بۇ كېچە ئۆزۈمنى ئىزلەپ.
چۈشۈمنىڭ بەرگىدە پۇرەك-پۇرەك گۈل،
تۇراتتى توختىماي ۋەسلىنى سۆزلەپ. 

مەن يازغان شېئىرنىڭ ياپراقلىرىدىن،
رىۋايەت سىرغىيتتى دانىمۇ-دانە.
چۈشۈمنىڭ سىرتىدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ،
خىياللار ساقلايتتى مىنى بىگانە.

 
مەن سۈرگەن ۋىسالنىڭ چەكسىز بەھرىدىن،

تۆكۈلۈپ تۇراتتى ئوتلۇق ھاياجان.
كېچىنىڭ ئۇيقۇسى قاچسىمۇ تامام،
چۈش كەبى سۆيمەكتە مەڭزىمنى جاھان.

مەن غىرىپ ئاتالدىم چۆللەر تىلىدا

ئۇزىدى ئالدىمدىن قىرىق تال خىيال،
ئىچىلماي توزوشقا باشلىدى گۈللەر.
بۇ دۇنيا كۈل بولدى تۇيغۇمدا بىر پەس،!
گۇۋاھتۇر ئۇنىڭغا دەريالار، كۆللەر.

بۈگۈن كەچ يۈرەكنى قولومغا ئىلىپ،

چۈش كۆردۈم  ئەڭ قەدىم سۆيگۈ  شەھرىدە،
قىرىق تال چېچىنى ئۆرۈگەن بىر قىز.
چېچىنى چۇۋۇيتتى  چۈشلەر ئىچىدە.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

قىرىق تال خىيالغا ئەگەشكىنىمچە،
توختىماي ماڭدىممەن ھەممىدىن كېچىپ.
قىرىق تال خىيالنىڭ چەكسىز دەشتىدە،
قۇرۇغان دەريالار تۇراتتى تېشىپ 

قىرىق تال خىيالغا ئەگەشتىم ئۇزاق،
قىرىق تال خىيالدا بولۇپ قىرىق جان.
مەن غىرىپ ئاتالدىم چۆللەر تىلىدا،
بىلمىدى ۋە لېكىن بۇنى سەنەمجان.

 

ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى

 

 

ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى،
يىقىملىق سايرايتتى سەۋدايى كۆڭۈل.
پەلەككە تاقاشقان ئەقىدىمىزنى،
دەرەخلەر كۈيلەيتتى شاماللار تۈگۈل !

ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى،
چۆللەرنى سىمىلداپ سۆيگەنتى يامغۇر.
ھېلىقى كوچىنىڭ پايانى ئارا،
خىياللار ئەركىلەپ ئۇچاتتى غۇر-غۇر.

 
ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى،

رىۋايەت سۆزلەيتتى يۇلتۇزلۇق ئاسمان.
گۈللەرنىڭ چېھرىگە قۇنغان تەبەسسۇم،
سۆيگۈدە ياشىرىپ تۇراتتى ھامان.

 

ئايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى،

چۈشۈمنى سويلايتتى بوي تارتقان ھىلال.
ئايرىلدۇق خائىنلىق قىلىپ ھەممىگە،
ئەقىدە شىخىدىن تۆكۈلدى تال-تال.

بىر كۈنى قەلبىڭدىن توزوپ كېتىمەن

بىر كۈنى قەلبىڭدىن توزوپ كېتىمەن،
كۆز يېشىم قالىدۇ بەرگىلىرىڭدە.
چۆللەردە ئىچىلغان كاككۇك گۈللىرى،
يۇيۇنار ھەربىر تاڭ ھەسرەتلىرىمدە.

 
بىر كۈنى قەلبىڭدىن توزوپ كېتىمەن،

چۈشلىرىم لېۋىڭنى سۆيگەندەك سىلىق.
سەن ئۈچۈن يىزىلغان شىئېرلىرىممۇ،
چاراسلاپ كۆيىدۇ شۇ كۈنى ئىنىق. 

بىر كۈنى قەلبىڭدىن توزوپ كېتىمەن،
سەن ئۇنى سەزمەيسەن، سەزمەيسەن راستلا،
توزوشنىڭ ۋەجىنى سورىساڭ مەندىن-
مەن سىنى سۆيگەندەك سۆيمىدىڭ ئەسلا.

بەك ئۇزۇن مۇساپە مەن يازغان شېئىر 

توزوغان گۈللەردۇر مەن سۈرگەن خىيال، 

يۈرۈكۈم تەكتىدە رەڭگارەڭ ئازاپ.
گۈللىرىم قاخشال بوپ قۇرۇشتىن بۇرۇن،
كېتىشىم كىرەكتۇر بۇ يەردىن ئۇزاپ.

 

بىر پارچە ئەينەكتۇر مەن كۆرگەن چۈشلەر،

ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن ئۇنىڭ سېھرىدىن.
دۇنياغا ھاياتلىق تۇرار يۈزلىنىپ،
ھەر قەترە سۆيگۈنىڭ چەكسىز بەھرىدىن

بەك ئۇزۇن مۇساپە مەن يازغان شېئىر،
شېئىرنىڭ دەشتىدۇر- مەن ماڭغان يوللار.
 دەردىمنى تاڭلارغا تۇرىدۇ سۆزلەپ،
ئاسماننىڭ ئۆيىگە كۆچكەن يۇلتۇزلار. 

 

ئەقلىدىن ئاداشقان- مەندىكى تۇيغۇ،
ھەر دەقىق توختىماي ئۆلۈمگە ماڭغان.
بۇ دۇنيا تۇرىدۇ ھەر كۈنى ياشناپ،
كىملەر بار ھاياتتا دۇنياغا قانغان؟

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز