ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بەزىلەرنىڭ ئىلگىرى يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 60 نەچچە بولغان بولسا بەزىدە 80 نەچچىگە چىقىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇلار ئاسان ھودۇقۇپ بىئارام بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ۋە قاندىكى قەنىت مىقدارى نورمال، ھەتتا باشقا كېسىلى يوقلۇقى ئايدىڭلىشىدۇ. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟
قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسلىرى بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ساغلام ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 60 دىن 100 گىچە بولىدۇ. ئېلېكترو-كاردىئوگراممادا كۆرسىتىلگىنى سىنۇسلۇق يۈرەك رىتىمى بولسىلا، ئۇنداقتا يۈرەك نورمال بولغان بولىدۇ. بىراق نورمال يۈرەك سوقۇش رىتىمى يەنە باشقا سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، نېرۋا ۋە بەدەن ئامىلى دېگەندەك. چارچاش، ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىش قاتارلىقلار مۇشۇنداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى 80 دىن ئاشسا ھەم بىئارام بولسا، ئۇنداقتا يۈرەك سوقۇشنى ئاستىلىتىدىغان دورىلارنى يېمىسە بولمايدۇ.