شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
ياشانغانلار ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەن ئىقتىدارىلىرىمۇ چېكىنىشكە باشلايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاسانلا كەيپىياتى ناچارلىشىپ، چۈشكۈنلىشىدۇ ھەمدە يالغۇزلۇق ھېس قىلىشىدۇ. باشقىلارنى ماختاش، سىرتقى قىياپىتىگە ئېتىبار بېرىش، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىدە ھەر ۋاقىت ياخشى ئالاقە مۇھىتى يارىتىش، ئاددىي ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق تەرەپلەر ئىكەن. يېقىشلىق گەپ قىلىشمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، لېكىن بۇنداق دېگەنلىك باشقىلارنى ماختاپ ئۇچۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ساقلىغان ئاساستا چىرايلىق سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى مۇۋاپىق ماختاشتۇر. يېقىشلىق گەپ قىلىدىغانلار مەيلى قەيەرگە بارسۇن، كىشىلەر بىلەن بىردەملا چىقىشىپ كېتەلەيدۇ، باشقىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدۇ، باشقىلارغا كۆيۈنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.