iTunes 11.1 بۈگۈن ئەتىگەن رەسمىي تۈردە ئېلان قىلىندى
ئالما شىركىتى بۈگۈن ئەتىگەن يېڭى نەشىردىكىiTunes 11.1 نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا iRadio قاتارلىق ئىقتىدارلار يېڭىدىن قوشۇلغان.
iOS7 سىستېمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە نۇسخىدىكىiTunes 11.1 مۇ مەيدانغا كەلدى، ئۇنىڭغا كۆپ خىل يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:iTunes Radio : بۇ بولسا پۈتۈنلەي يېڭى تىپتىكى مۇزىكا قويغۇچ، سىز iTunes Radio ئارقىلىق 250 دىن ئارتۇق مۇزىكا تېمىسى ئىچىدىن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كونا-يېڭى ناخشىلارنى تاپالايسىز. ئەگەرiTunes Match مۇلازىمىتىگە مۇشتەرى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ئېلان قوشۇلمىغان نۇسخىدىكى iTunes Radio مۇلازىمىتىدىن بەھىرلىنەلەيسىز.
Geniu Shuffle: بۇ بولسا ئۆزگىچە ئۇسۇلدا لايىھىلەنگەن ماتىرىيال ئامبېرى بولۇپ،ئۇنىڭ ئىقتىدارى يەنە مۇزىكا قويغۇچ بىلەنمۇ ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇلغان، يېڭى نۇسخىدىكى Genius Shuffle ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئايفوندا مۇزىكا ئاڭلاش تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلدى.
Podcast Station: بۇ ئارقىلىق سىز پەقەت ئۆزىڭىزگىلا تەئەللۇق بولغان كىچىك بىر ئاڭلىتىش پونكىتى قۇرالايسىز، ھەمدە ئۆزىڭىز مۇشتەرى بولغان بارلىق ئاڭلىتىش نۇمۇرلىرىغا قارىتا باشقۇرۇش ئىلىپ بارالايسىز.
iOS7 بىلەن ماس قەدەملەش: يېڭى نۇسخىدىكىiTunes نى ئىشلەتسىڭىز، سىز مۇزىكا، كىنو قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىمالال ھالدا iOS 7 ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ماس قەدەملەش ئىلىپ بارالايسىز. بۇندىن باشقا، يېڭى نەشىردىكى iTunes ئارقىلىق يانفونغا قاچىلانغان ئەپلەرنى ماس قەدەملەش ۋە باشقۇرۇشمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاددىيلاشقان.
دىققەت: ئەگەرسىز ئىشلىتىۋاتقىنى OS X Mavericks سىستېمىسى بولسا، ئۇ ھالدا سىز iBooks for Mac ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ كىتاب-ماتىرىيال ئامبېرىنى كۆرەلەيسىز.
ھازىر يېڭى نەشىردىكىiTunes 11.1 نى چۈشۈرۈش بېتى رەسمىي تۈردە ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ، بۈگۈن كەچكىگە ئالما ئەپ دۇكىنىدىمۇ ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.