قالايمىقان يېزىش – جىجىش ئەخلاقسىزلىق، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى، ئەمما ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قالايمىقان يېزىش – جىجىش كىشىلەرنىڭ سەگەكلىكىنى ساقلاپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدىكەن. ئەنگلىيە پلىموۋت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار قالايمىقان يېزىش – جىجىش زېرىككەنلىك ۋە دىققىتىنى يىغالماسلىقنىڭ ئىپادىسى بولسىمۇ، ئەمما سۆزلەشكەش قالايمىقان يېزىش – جىجىشنىڭ كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى ئەستە ساقلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارغا بىر تېتىقسىز تېلېفوننى ئاڭلاتقان، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا تېلېفون ئاڭلىغاچ خەت يازدۇرغان، يەنە بىر قىسمىغا تېلېفون ئاڭلاۋاتقاندا خەت يازدۇرمىغان. نەتىجىدە، قالايمىقان يېزىپ – جىجىپ تۇرغانلارنىڭ تېلېفوندا ئاڭلىغان گەپنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى ئەستە ساقلاش نىسبىتى %29 كە يەتكەن، ئۇلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سەككىز ئادەم ئىسمى ۋە يەر – جاي نامىنىڭ 7.5 ىنى ئېسىدە ساقلىيالىغان، يەنە بىر گۇرۇپپا كىشىلەر پەقەت 5.8 نىلا ئەستە ساقلىيالىغان. بۇ تەتقىقاتنىڭ رىياسەتچىسى جىج ئاندرا مۇنداق دېگەن: ‹‹تېتىقسىز تېلېفوننى قوبۇل قىلىش›› قاتارلىق ئىشلارنى تاماملىغاندا، ئادەمنىڭ زېھنى ئاسانلا چېچىلىپ، كۆڭۈلسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن ‹‹قالايمىقان يېزىش – جىجىش›› ھەرىكىتى بۇنى توسۇيالايدىكەن.
مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/11/content_486336.htm