ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتىدىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: شاۋقۇن بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش كۈچىگە زىيان سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، تېلېۋىزور ۋە كومپيۇتېرنىڭ ئاۋازىمۇ شاۋقۇن ئاۋازىغا تەۋە.
مۇتەخەسسلەر مۇنداق دېيىشتى: بىز بالىلارنىڭ يېڭى سۆزلەرنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى سىناش جەريانىدا قەستەن شاۋقۇن ئاۋازى پەيدا قىلىۋىدۇق، بالىلار قارشى تەرەپتىكى گەپ قىلىۋاتقان بىرنەچچە ئادەمدىن پەقەت بىرىنىڭلا سۆزىنى پەرىقلەندۈرەلىدى، يەسلىدىكى بالىلارغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىلىۋاتقاندا شاۋقۇن چىقىرۋىدۇق، ئۇلار ھېكايىنىڭ شۇ بۆلىكىنى ئەستە تۇتالمىدى.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: بالىلارنىڭ شاۋقۇنلۇق مۇھىتتا ئاڭلىغىنى چوڭلارنىڭ ئاڭلىغىنىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئېھتىياجى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئاڭلىغانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدىكەن. بالىلىق دەۋردىكى شاۋقۇنلۇق مۇھىت بالىنىڭ مېڭىسىدىكى بەزى ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۆگۈنۈش قىلىۋاتقاندا تىنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىشى مۇھىم ئىكەن.