1. پىيازنى قورۇپ سارغايتىپ، ماش بىلەن بىللە يېگۈزسە بالىلاردىكى سىيەلمەسلىككە داۋا قىلىدۇ.
2. كاۋىنىڭ شاپىقىنى ئۇششاق توغراپ، قاينىتىپ ئىچكۈزسە بالىلاردىكى سىيەلمەسلىككە داۋا قىلىدۇ.
3. چامغۇرنىڭ كۆكىنى قاينىتىپ، شورپىسىنى ئىچىپ، كۆكىنى يەپ بەرسە بالىلاردىكى سىيەلمەسلىككە داۋا قىلىدۇ.
4. قۇرۇتۇلغان رەيھان يوپۇرمىقىنى دەملەپ ئىچكۈزسە بالىلاردىكى سىيەلمەسلىككە داۋا قىلىدۇ.
5. چىغىرتاق توپىسى ھەم چۈمۈلە توپىسىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، دوۋسۇنىغا سۈرۈپ بەرسە بالىلاردىكى سىيەلمەسلىككە داۋا قىلىدۇ.
6. تاۋۇز ئۇرۇقى بىلەن ئوغرىتىكەننى قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچكۈزسە بالىلاردىكى سىيەلمەسلىككە داۋا قىلىدۇ.