بىر ياشانغان ياغاچچى پىنسىيگە چىقماقچى بولۇپتۇ، ئۇ خوجايىنىغا قۇرۇلۇش ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغىنىنى، ئۆيگە قايتىپ ئايالى ۋە قىزى بىلەن ئائىلىۋى بەختتىن ھوزۇرلىنىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. گەرچە خوجايىن ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى مۇئاش بەرسىمۇ، ئۇ يەنىلا پىنسىيىگە چىقىپ ئۆيدە ئارام ئالماقچى بوپتۇ. ئەلۋەتتە، قانداقلا بولمىسۇن، تۇرمۇشنى قامداپ كەتكىلى بولىدۇغۇ.
خوجايىن بۇنداق بىر ياخشى ئىشچىسىنىڭ كېتىدىغىنىغا ناھايىتى كۆزى قىيماپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭدىن يەنە بىر ئۆي سېلىشىپ بەرسە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ياغاچچى بۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ. لېكىن، ھەممەيلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ خىزمەتتە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپتۇ، ئۇ ناچار ماتىرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئۆينى شۇنچىلىك قوپال ياساپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۆزى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يامان ئۇسۇلى.
ئۆي پۈتكەندىن كېيىن، خوجايىن كېلىپ كۆرۈپتۇ، ۋە ئاچقۇچنى ياغاچچىغا بېرىپ:« بۇ سېنىڭ ئۆيۈڭ...مېنىڭ ساڭا قىلغان سوۋغىتىم» دەپتۇ.
ياغاچچى تۇرۇپلا قاپتۇ.
بۇ نېمانداق سەتچىلىك! ئەگەر ئۇ بۇ ئۆزىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، چوقۇم بۇنداق قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ تۈگەتمىگەن بولاتتى.
ئەمەلىيەتتە، بىزمۇ كۆپ ھاللاردا مۇشۇنداق. بىز بىغەملىك بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قۇرىمىز، ئاكتىپلىق بىلەن ئەمەس، پاسسىپلىق بىلەن قولىمىزنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ تۈگىتىمىز. مۇھىم پەيىتلەردە كۈچىمىزنىڭ بارىچە تىرىشمايمىز. بىر كۈنلەردە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سەزگەندە، ئاللىقاچان ئۆز قولىمىز بىلەن ياساپ چىققان«ئۆي»ئىچىدە بولغان بولىمىز. ئەگەر قايتىدىن كەلگىلى بولسا، بىز چوقۇم بۇنداق قىلمايتتۇق.
لېكىن، سىز مەڭگۈ ئۆتمۈشكە قايتالمايسىز. سىز شۇ ياغاچچىغا ئوخشاش، «تۇرمۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئۆينى ياساش جەريانىدا، كۈندە بىر تال مىخ قاقىسىز، ياكى بىر تاختاينى قوشىسىز، ياكى بىر تامنى قوپۇرىسىز. بۇرۇن بەزىلەر« تۇرمۇش دېگىنىمىز ئۆزى قۇرغان قۇرۇلۇش» دېگەن. سىزنىڭ بۈگۈنكى پوزىتىسىيە ۋە تاللىشىڭىز سىزنىڭ ئەتە سىزنىڭ قايسى « ئۆي»دە ئولتۇرىدىغىنىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن «ئۆي»ڭىزنى ياساڭ.