ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئاساسلىق فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدار بولۇپ، ئۇيقۇ مەزگىلىدە چوڭ مېڭە خاتىرىلەرنى ئەستە ساقلاشقا باشلايدۇ، ھۈجەيرىلەر قايتا ھاسىل بولىدۇ ۋە ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇيقۇ ئۇزاق مۇددەت ياخشى بولمىسا سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈپ، راك، قەنت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
1. ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى ئامېرىكا جون. خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2013 – يىلى 53 ياشتىن 91 ياشقىچە بولغان بىر گۇرۇپپا كىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ھەر كۈنى كەچتە ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى β – ئامىلوئىدنىڭ چۆكۈندى مىقدارى كۆپرەك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى، ئادەتتە بۇ خىل خىمىيەلىك بىرىكمە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئېنىق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا چوڭ مېڭىنىڭ بۇ خىل ماددىنى تازىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئاسانلا ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
2. سېمىزلىك ۋە قەنت كېسىلى ئامېرىكا چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر كۈنى تۆت سائەتلا ئۇخلايدىغان كىشىلەرنىڭ قېنىدىكى ماي كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى كەچتە سەككىز يېرىم سائەت ئۇخلايدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن %15 ~ %30 كىچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئادەتتە قاندىكى ماي كىسلاتاسى ئېشىپ كەتسە مېتابولىزم سۈرئىتى ئىنسۇلىننىڭ قان قەنتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا سېمىزلىك ۋە قەنت كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
3. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى 2015 – يىلى ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا بىر تەتقىقات ماقالىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، تەتقىقاتچىلارنىڭ 25 ~ 64 ياش ئارىلىقىدىكى رۇسىيەلىك 657 ئەر ئۈستىدە 14 يىل ئېلىپ بارغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە: ئۇيقۇسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ئەرلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى 2.6 ھەسسە، سەكتە بولۇش خەۋپى 5.1 ~ 4 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
4. يارىلىنىش خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتى باش دوختۇرخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 2014 – يىلى ‹‹ئامېرىكا سېسترالىرى ساغلاملىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش››كە قاتناشقان ئاياللارنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە: يارىلىنىش خاراكتېرلىك بوغماق ئۈچەي ياللۇغى ۋە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈچەي ياللۇغى ئۇيقۇسىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. مۇۋاپىق ئۇيقۇ )ھەر كۈنى كەچتە ئالتە ~ سەككىز سائەت( ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ياللۇغلارنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
5. مەزى بېزى راكى 2013 – يىلى ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 67 ~ 95 ياش ئارىلىقىدىكى ئىسلاندىيەلىك 2425 ئەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان، يەتتە يىل داۋاملاشقان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە: ئاسان ئۇخلىيالمايدىغان ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %60 ئۆرلەپ كېتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنى ئۇيقۇنى تەڭشەيدىغان ھورمون مېلاتونىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. مېلاتونىننىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغان چاغدا راكنىڭ پەيدا بولۇشىنى چەكلەيدۇ، ئەمما ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى بۇ خىل ھورموننىڭ مىقدارى ئاز بولىدۇ. شۇڭا ئاسانلا مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
كېرەمجان ئىبراھىم (ت)