تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
پاشنا ۋە قىزلار قەلبى

 پىسخىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ قىزلارنىڭ شۆھرەتپەرەسلىك ھېسسىياتىنى قاندۇرىدىكەن، ئۇ قىزلارغا ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىستىكى ئاتا قىلىدىكەن. ئۇنداقتا پاشنىنىڭ ئېگىز-پەسلىكى قىزلارنىڭ قەلب سىرىنى ئاشكارىلىيالامدۇ؟

    پاشنىنىڭ ئېگىز-پەسلىكى قىزلارنىڭ ھەقىقىي قەلبىنى ئاشكارىلىيالايدۇ. پاشنىسى 10 سانتىمېتىردىن يۇقىرى ئاياغ كىيىدىغانلار «كونترول قىلىش» تىپىدىكىلەرگە تەۋە. دائىم بۇنداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىدىغانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنداق قىزلار كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىشەنچىلىك بولىدۇ، ھەممە ئىشلارنى ئەتراپلىق قىلىدۇ، ئۆز پىرىنسىپى بويىچە ياشايدۇ. بۇنداق خاراكتېرى كۈچلۈك قىزلار ئۆزىگە ئوخشاش خاركتېردىكى يىگىتلەرنى بەكرەك جەلپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار قارشى تەرەپكە ئاسانلا بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

    پاشنىسى 5-8 سانتىمېتىرغىچە ئاياغ كىيىدىغانلار «غەمخورلۇق قىلش» تىپىدىكىلەرگە تەۋە. بۇنداق ئاياغ كىيىدىغان قىزلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسى كەڭ، ھەر قانداق يېڭى شەيئىلەرگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەممە ئىشتىن يېڭىلىق ھېس قىلىدۇ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش روھى كۈچلۈك، رىقابەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    پاشنىسى 2-5 سانتىمېتىرغىچە ئاياغ كىيىدىغانلار «نازۇكلار» تىپىدىكىلەرگە تەۋە. بۇنداق قىزلار دائىم ئۆزىنى نامايان قىلىشنى ئويلايدۇ، بىراق تارتىنچاق، نومۇسچان كېلىدۇ، كۆڭلىدىكى ئاشىقى ئالدىدا ئۆزىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بولسىمۇ، سەتلىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ، مانا مۇشۇنداق زىددىيەتلىك ھەم چىگىش كەيپىيات سەۋەبلىك، قارشى تەرەپكە تېخىمۇ ساددا ۋە ئوماق كۆرۈنىدۇ.

    پاشنىسى ئىككى سانتىمېتىردىن تۆۋەن ئاياغ كىيىدىغانلار «كەڭ قورساق» تىپىدىكىلەرگە تەۋە. بۇنداق قىزلار بەزىدە جاھىل، بەزىدە قىزغىن كېلىدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ. ھېسسىياتنى بىۋاستە ئىپادىلىمەيدۇ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەتمەيدۇ، تەقى-تۇرقى چىرايلىق بولسىمۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاسانلا يوقىتىپ قويىدۇ. بۇنداق قىزلار ھېسسىيات جەھەتتە مۇھەببىتىنى تاپقاندا، دوستىنى ئۇنتۇيدۇ. ئاشىقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئەڭ مۇھىم ئىش، دەپ قارايدۇ، مۇقىم تۇرمۇش ۋە بەخت ئۇلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ھېسابلىنىدۇ.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز