تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
خارۋارد ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇسى ئۆزگەردى

ۋال كوچىسىدىكى ھەپتىدە 90 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدىغان بانكىرلارنىڭ خىزمىتى ئەمدى نەزەرگە ئېلىنمايدىغان بولدى.

بەربات بولغان دەم ئېلىش كۈنى، مانخاتتاندىكى ئېگىز بىنادا PPT ياساۋاتقان ياكى كېچىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم «پۇل-مۇئامىلە ئىتلىرى» نىڭ خىزمىتى ئىلگىرى خارۋارد سودا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەنلەر تەلپۈنىدىغان خىزمەت ئىدى. لېكىن، ھازىر خارۋاردتىكى كەلگۈسى چولپانلار نەزىرىنى باشقا تەرەپكە ئاغدۇردى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن كىران گەندى (Kiran Gandhi) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى كىشىلەر ھەمىشە: «قالتىس! بىر كۈندە 21 سائەت، ھەپتىدە 7 كۈن خىزمەت قىلىمەن، مۇشۇنداق ئىشلەپ 8 ئاي داۋاملاشتۇرساملا بولىدۇ.» دەپ ئۆزىنى ماختايتتى، ئىلگىرى بۇ خىل تۇرمۇش شەرەپ ھېسابلىناتتى. لېكىن مەكتەپ پۈتتۈرگەن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش، Kiran Gandhi بۇ يىل تېخنىكا شىركىتىگە ئىلتىماس سۇندى. «مەن ھازىر ھەر كۈنى 9 دا ئىشقا چىقىپ، چۈشتىن كېيىن 5 تە ئىشتىن چۈشىمەن، كىرىمىم ناھايىتى يۇقىرى، تۇرمۇشۇممۇ ناھايىتى قالتىس داۋاملاشماقتا. ئىشخانىڭىزدا ھەر كۈنى يېشىل رەڭلىك مېۋە شەربىتى ۋە قەھۋە ئىچكەچ خىزمەت قىلالايسىز، بۇ بىر خىل يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش».

كىرىمنىي جىلغىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىدىن ئېشىپ كەتمەكتە، كىرىمنىي جىلغىسىدا كەلگۈسىدە مىليونېرغا ئايلىنالىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن، مەبلەغ سېلىش بانكىسىدا ھەر ۋاقىت خادىم قىسقارتىش ۋە مائاش تۆۋەنلىتىش بېسىمى ئىچىدە ياشايسىز. بۇ يىل، ھەرقايسى چوڭ بانكىلار كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدىغان تېخىمۇ دوستانە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن خارۋارد سودا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بانكىلارغا ئىلتىماس قىلىش سانى تارىختىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتا رېكورتنى ياراتتى. خارۋاردنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2007-يىلى سودا ئىنستىتۇتىنى يۈتتۈرگەن %13 ئوقۇغۇچى مەبلەغ سېلىش بانكىسى ياكى سودا شىركەتلىرىگە كىرگەن، لېكىن بۇلتۇر بۇ نىسبەتەن تۆۋەنلەپ %5 كە چۈشۈپ قالغان.


ئەسلى مەنبەسى: سۇمۇرغ تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز