ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كالا سۈتى. تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئىچىنى بوشىتىپ، بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىدۇ، تېرىنى پارقىرىتىدۇ.
قوي سۈتى. تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، سەمرىتىش، ئاشقازاننى كۈچەيتىش، قان كۆپەيتىش رولى بار.
ئۆچكە سۈتى. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، تەركىبى ۋە قۇۋۋىتى جەھەتتە قوي سۈتىدىن ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدۇ.
قىمىز. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، كۆك يۆتەلگە، سىل كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.
قېتىق. تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ، بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىپ، تەشنالىقنى پەسەيتىدۇ.
قايماق. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، ئادەمنى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، گالنىڭ يىرىكلىكنى بوشىتىش، ئاۋازنى سازلاش، قۇرۇق يۆتەلنى پەسەيتىش، ئىچكى، تاشقى ئىششىقلارنى ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
سېرىقماي. تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، تېرىنى سىلىقلاپ پارقىرىتىدۇ، بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىپ، بەدەننى يۇمشىتىپ، سەمىرتىدۇ.