قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئورۇقلاشقا پايدىلىق
مۇتەخەسسىسلەر 803 ئادەمنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى:« دائىم قاتتىق پوستلۇق مېۋە‹ئۆرۈك مېغىزى، مۇقاتىل، ياڭاق، قارىغاي ئۇرۇقى›نى كۆپ يەپ بەرگەنلەرنىڭ سەمىرىپ كېتىش نىسبىتى%46-%37 تۆۋەن بولىدىكەن، چۈنكى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆپ يېگەنلەرنىڭ مېتابولىزىم ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، يۈرەك ھەم دىيابېت كېسىلىگىمۇ ئاسان گىرىپتار بولمايدىكەن. ئادەم ھەپتىدە 28.35 گىرام قاتتىق پوستلۇق مېۋە يەپ بەرسە مېتابولىزىم ئۇنۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %7 تۆۋەنلەيدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى :« قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول، ئۇنىڭ سۈپىتى گۆش مەھسۇلاتلىرىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدىن يۇقىرى. بۇ خىل مېۋىلەردە بار ئاقسىل ئادەمدە تويۇنغانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە ناچار يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە كىرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە يەنە ساغلاملىققا پايدىلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددا بار، يەنە ئۆسۈملۈك خمىيىۋى ئامىللارمۇ خېلى كۆپ، شۇڭا ئۇنى ساغلام يېمەكلىك دېيىشكە بولىدۇ». («ھاياتلىق ۋاقتى گېزىتى»دىن)