تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يېزىقچىلىق مەشىقى ھەقىقەتەن زۆرۈر

جاڭچىڭخۇا

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئەدەبىي ئىجادىيەت ياكى ئىجادىي تەپەككۇرنى نىشان قىلغان ئاسپىرانتلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان شۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدى: يازغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟ بۇلتۇر كۈزدە، مەن خىزمەت قىلىۋاتقان بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئىجادىيەتنى نىشان قىلغان تۇنجى قارار ماگىستىر – ئاسپىرانتلارغا بەزى يازغۇچىلارنى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ بەردى، بۇ ئىش تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە بەزى گۇمانىي قاراشلارنىمۇ پەيدا قىلدى.

    يازغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟ بۇ ئۆتكۈر ھەم ئاددىي مەسىلە. مۇشۇ مەنتىقە بويىچە، بىزدە يەنە ئالىم، پەيلاسوپ، ئىقتىسادشۇناس، سەنئەتكارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق تالانت ئىگىلىرىنى قېلىپتا قۇيغاندەك تەربىيەلەپ چىققىلى بولامدۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ. بۇ مەسىلىگىمۇ ھېچكىم مەردانە جاۋاب بېرەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەرقانداق ساھەدىكى مۇنەۋۋەر شەخسلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ئالدىن كۆزلىگەن نىشان بويىچە تەربىيەلەپ چىققان ئەمەس. ئەدەبىيات كەسپىدە مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئوقۇغۇچى ئوقۇدى، ئۇلاردىن يازغۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىققىنى پەقەت بىر نەچچىلا خالاس. شۇنىڭغا ئوخشاش، تەبىئىي پەن، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، سودا، تېببىي پەن كەسىپلىرىدىمۇ مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ ئوقۇغۇچى ئوقۇشنى پۈتكۈزۈپ چىقىدۇ، ئۇلاردىن تېخنىك، ئىنژېنېر، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، بوغالتىرلار يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن، ئەمما ئالىم، كەشپىياتچى ياكى باشقا تالانت ئىگىلىرى ساناقلىقلا چىقىدۇ. ھەتتا ياخشى مۇخبىر، كاتىپنىڭمۇ ئاخبارات ياكى مەخسۇس كاتىپلىق كەسىپلىرىدە ئوقۇغان بولۇشى ناتايىن. مۇشۇ ئەھۋاللار يۇقىرىقى گۇمانىي مەسىلىگە جاۋاب بولالىشى مۇمكىن.

    ناھايىتى روشەنكى، يازغۇچىنى ‹‹زاكاز›› قىلىپ تەربىيەلەپ چىققىلى بولمايدۇ، ئىجادىيەتكە قىزىقىدىغان بىر قانچە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىنى چوقۇم مو يەن، يۈ خۇا، سۇ تۇڭدەك تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ، دېيىشكە ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەكسىچە ئېيتقاندا، ئەگەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش تارىخى بولمىغان بولسا، سۇ تۇڭ داڭلىق يازغۇچى بولالارمىدى؟ ئەگەر يۈ خۇا يېزا شىپاخانىسىدا چىش دوختۇرى بولۇپ ئىشلەۋەرگەن، مو يەن ئەينى چاغدا ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن لۇ شۈن ئىنستىتۇتى ھەمكارلىشىپ ئاچقان ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا ئوقۇمىغان بولسا، ئۇلار يەنىلا 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىكى ئەدەبىيات يېڭىلىقىنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنالايتتى، دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟ شۇڭا ھېچقانداق بىر ئۇنىۋېرسىتېت يۈرەكلىك ھالدا: بىز مۇنچە ئەدىبنى تەربىيەلەپ چىقتۇق، دېيەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك ھېچقانداق بىر كىشى: بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۇلار قوبۇل قىلغان تەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ ئېيتالمايدۇ.

    دەرۋەقە، بەزىلەر سەن شۆ، ۋاڭ ئەنيى، تيې نىڭ قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇپ باقمىغان يازغۇچىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش كەچمىشلىرى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان ھەر قانداق يازغۇچىدىن كەم بولمىسا كېرەك. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، پىروفېسسور، زىيالىيلار پائول سارترى، فرېئۇد توغرىسىدىكى تەتقىقاتتا ئىككىلىنىپ تۇرغان پەيتتە، سەن شۆ مەۋجۇدىيەتچىلىك بىلەن روھىي ئانالىز ئىلمى ھەققىدىكى كىتابنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتى؛ ۋاڭ ئەنيى بىلەن تيې نىڭنىڭ ماتېرىيال كۆرۈش، بىلىم تۇلۇقلاشتىن سىرت، ئاتا مىراس بىلىمگە ۋارىسلىق قىلىش شارائىتى بولۇپ، باشقىچە تەربىيەلىنىش ئەۋزەللىكى بار ئىدى. دېمەك ئالىي مائارىپ ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش كەچۈرمىشى بولماسلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەلۋەتتە.

    يازغۇچىلارنى ‹‹زاكاز›› قىلىپ تەربىيەلەپ چىققىلى بولمىغاندىكىن، ھەر قانداق بىر جەمئىيەت قاتلىمىدا يازغۇچىلارغا بولغان ئېھتىياج كۆپ بولمايدۇ ھەم ئۇنچە كۆپ يازغۇچىمۇ چىقمايدۇ، ئۇنداقتا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بەس – بەس بىلەن ئىجادىيەت دەرسلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىجادىيەتكە قىزىقىدىغان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش قىيىن ئەمەس، ئىجادىيەت دەرسى تەسىس قىلىپ، ئىجادىيەتكە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، مائارىپتىكى ‹‹قۇرۇلمىلىق كەمتۈكلۈك››نى تولۇقلاش بولسا كېرەك. مېنىڭچە، ئىلگىرىكى ئەدەبىيات پەنلىرىدە قۇرۇلمىلىق نۇقسان مەۋجۇت، بۇ ‹‹پۈتۈنلەي بىلىملەشتۈرۈۋېتىش›› خاھىشى بولۇپ، ئەدەبىيات مائارىپى پۈتۈنلەي يېزىقچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بىلىم پائالىيىتى قىلىپ قويۇلغان. شۇڭا بىزدە ‹‹ئىلىم تەتقىق قىلىمىز، يازغۇچى يېتىشۈرۈپ چىقمايمىز›› دەيدىغان قاراش بارلىققا كەلگەن. ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كەلگەن كۈندىن باشلاپ ئوقۇتقۇچى ئۇنى ياۋاشلىق بىلەن بىلىم ئىگىلەش، يازغۇچى بولىمەن دەپ خام خىيال قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن بەزى يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش كەچمىشلىرىنى بايان قىلغاندا، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى چاغلىرىمدا ‹‹ئوغرىلىقچە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتىم›› دەيدۇ.

    كېسىپ ئېيتقاندا، مائارىپنىڭ نىشانى دەرسخانا تەربىيەسى، تەرتىپى ئارقىلىق يازغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بولماستىن، بەلكى تەربىيەلەنگۈچىگە زۆرۈر تەربىيەلىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچلارنى ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئىگىلەش بىلەن بىللە، بەدىئىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ‹‹يازالايدىغان›› كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مائارىپىدا نۇرغۇن نۇقسان ساقلانغان بولسىمۇ، ئامما تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆگىنىش جەريانىدا ساۋاتلىق بولۇش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈپ، بىلىملىك كىشىلەرگە ئايلانغان ھەم قولىغا قەلەم ئېلىپ يازالايدىغان كىشىلەردىن بولالىغان. ھازىرقى ئەدەبىيات مائارىپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەدەبىياتقا دائىر بىلىملەرنىلا ئۆگىنىدۇ خالاس، ئۇلاردىن يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغانلىرى بەكمۇ ئاز. بۇنىڭ سەۋەبى، بىزنىڭ مائارىپ ئىدىيەمىز بىلەن دەرسلىك قۇرۇلمىمىزدا ‹‹بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىپ، قابىلىيەتكە سەل قاراش›› خاھىشى ساقلانغانلىقىدا.

    مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئىجادىيەت دەرسلىكىنى تەسىس قىلىشنى يازغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن دېگەندىن كۆرە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات كەسپىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇش دېگەن تۈزۈك. ئوقۇغۇچىنىڭ يازغۇچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىش – چىقالماسلىقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مائارىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىش ۋە ئۇنى قانونلاشتۇرۇشتا. بىز ئاز – تولا ئەدەبىيات بىلىملىرىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىلا تەربىيەلەپ چىقامدۇق ياكى نېمىنىڭ ئەدەبىيات ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان ھەم قولىغا قەلەم ئېلىپ يازالايدىغان كىشىنى تەربىيەلەمدۇق، مانا بۇ مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى.

    مۇشۇ نۇقتىنى ئاساس قىلغاندا، مېنىڭچە ‹‹بىز يازغۇچى تەربىيەلىمەيمىز›› دەيدىغان قاراشنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېزىقچىلىق تەربىيەسىگە ئېتىبار قىلمايدىغان پوزىتسىيەسىنى، ئەدەبىي مائارىپنى نوقۇل بىلىم مائارىپى دەپ بىلىدىغان نۇقتىئىنەزەرنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتىدە بارلىققا كەلگەن بىر ئەۋلاد يېڭى مەدەنىيەت ۋە يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلاردىن قايسى بىرى مول بىلىمگە ھەم خاسلىققا ئىگە يازغۇچى ئەمەس؟ مەن بىلىم مائارىپىغا قارشى تۇرمايمەن، ھەتتا مۇنتىزىم، نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە ئىگە بىلىم مائارىپىنى تەشەببۇس قىلىمەن، ئەمما بىز شۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ئەدەبىيات بىلىم بولۇپلا قالماي، ئۇ ھەم بىر ئىقتىداردۇر، يېزىقچىلىق ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئۈچۈن زۆرۈر ساپادۇر. ئەمدى ئۇلار ئارىسىدىن بىر – ئىككىلا يازغۇچىنىڭ چىقىش ياكى چىقماسلىقىغا كەلسەك، مۇمكىنچىلىك ئېھتىماللىقى بولغان، لېكىن تەلەپ قىلىپ ئېرىشكىلى بولمايدىغان ئىشتۇر.

‹‹خەلق گېزىتى››دىن

ئەسلى مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز