ياش تالانتلىق كىنو ئارتىسى ھەم ئىتوت چولپىنى رۇقىيە ئۇبۇلقاسىم 1982- يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان .
ئۇ 1995- يىلى شىنجاڭ بالىلار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە قۇبۇل قىلىنىپ 1998 -يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈگەن . 1998- يىلدىن 2002-يىلغىچە كېرىيە ناھىيىلىك بالىلار باغچىسىدا ئىشلىگەن .
2003- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىگە يۆتكۈلۈپ خىزمەت قىلغان .2012- يىلدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى كىنو-تىلىۋىزىيە ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئۇقىۋاتىدۇ.
ئۇ رول ئالغان كىنولاردىن :«يولدىكى مۇھەببەت »،«ئازغۇن» ،«پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە» قاتارلىق كىنولىرى ،ئىتوتلىردىن :«توماق سېتىش »،«ئارچىغا ئالتە تاياق »،«ئىسسىتقۇنىڭ كۈچى »،«ھېيت پەتىسى »،«ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ »،«چۈشەنمىدىم »قاتارلىق ئىتوتلىرى كەڭ كۈرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۈرۈشىگە ئىرىشكەن .
خەۋەر يازغۇچى : ئامىنەم مەتتۇرسۇن