ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئوزۇقلىنىشتىكى يەتتە خىل ياخشى ئادەت: بالدۇر ئوزۇقلىنىش، ئاستا ئوزۇقلىنىش، ئۆزىنى چەكلەپ ئوزۇقلىنىش، ئىسسىق ئوزۇقلىنىش، يۇمشاق ئوزۇقلىنىش، تۇز كەمرەك ئوزۇقلىنىش، ئوزۇقلۇقنىڭ ھەرخىل بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. بالدۇر ئوزۇقلىنىش. بىر كېچە ئۇخلاپ سەھەر تۇرغاندا، ئاشقازان ۋە ئۈچەي قۇرۇغدىلىپ قالىدۇ، ۋاقتىدا ئوزۇقلىنىپ، تاماق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغاندا، تولۇق زېھنى قۇۋۋەت بىلەن خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا ناشتىلىقنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇشى، بالدۇر ناشتا قىلىش كېرەك.
2. ئاستا ئوزۇقلىنىش. تاماق يېگەندە چاينىمايلا چالا-پۇلا يۈتۈۋىتىشتىن ساقلىنىپ، يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتقاندا شۆلگەي كۆپ ئاجرىلىپ، ھەزىم قىلىش ۋە قۇۋۋەت قوبۇل قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
3. ئۆزىنى چەكلەپ ئوزۇقلىنىش. يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىگە چەك قويۇش كېرەك. بولۇپمۇ ياشانغانلار يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇشقا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك.
4. ئىسسىق ئوزۇقلىنىش. سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، تال ۋە ئاشقازانغا زىيان يېتىپ، كېسەللىك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تېنى ئاجىز، ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەر تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
5. يۇمشاق ئوزۇقلىنىش. يېمەكلىك يۇمشاق بولسا، چايناپ يۇتۇشقا ئاسان بولىدۇ، ھەزىم قىلىش، قۇۋۋەت قوبۇل قىلىشقىمۇ پايدىلىق.
6. تۇزسىز ئوزۇقلىنىش. يېمەكلىك تۇزلۇق بولغاندىن كۆرە، تۇزسىز بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.
7. ئوزۇقلۇق ھەرخىل بولۇش. ئاساسىي يېمەكلىك، قوشۇمچە يېمەكلىك، گۆش يېمەكلىكلىرى ۋە كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ماسلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلغاندا قۇۋۋەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.