مۇھەببەت بولسا ئوتتەك كۆيۇپ بېرىلىدىغان مەجنۇنتال ، ئۆچۈرگۈلى بولمايدىغان يالقۇن . مەڭگۈ قانائەتلەندۇرگىلى بولمايدىغان ئىستەك ، كەمپۇتتەك شېرىن ، خۇشاللىق ، كىشىنى مەسىت قىلىدىغان ساراڭلىق ، بىر خىل خاتىرجەملىك بولمىغان جاپا ۋە جاپاسى بولمىغان خاتىرجەملىكتۇر .
كىشلەر ئىزچىل ياخشى : << ئەر ، ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن دوستلۇق بولامدۇ ، يوق ؟ >> دېگەن مەسلىنى مۇنازىرىلىش كەلمەكتە . كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى . بەزىدە دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئېنىق ئايرىش ھەقىقەتەن تەس . يات جىنىسلىق دوستلار دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئېنىق ئايرىۋالىسا ، ئۇنداقتا ئۆزلىرىگە زۆرۈر بولمىغان ئاۋارچىلىقىنى تېپىۋالمايدۇ .
ئەرنىڭ ئائىلىسى بار ، قىز بولسا ئىدارىغا تەقىسىم قىلىنغىنغا ئۇزۇن بولمىغان سىتۇدېنىت بولۇپ گېزىتخاندا بىر ئىشىاندا ئىشلەيدىكەن . ئۇلار ناھايىتى تېزلا خىزمەتتىكى شېرىكلەردىن بولۇپ قاپتۇ ، ئەر ماقالە يازسا ، قىزغا كۆرسىىتپ پىكىر بەرگۈزىدىكەن . قىز ماقالە يازسا ئەرگە تۈزەتكۈزدىكەن . ئانىدىن ئىككىسىنىڭ نامىدا گېزىتقا بېرىدىكەن . قورساقلىرى ئاچقان ۋاقىتتا .قىز نەپىس قول سومكىىسدىن ئالدىدىن تەييارلاپ قويغان پارچە يېمەكلىكلەرنى چىقىرىپ بىر پارچە بىر پارچىدىن ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىدىكەن . ئۇ بۇ خى؛ يېقىنچىلىقىتىن تەسىرلىنىپ قەلىمىنى تۇختىتىپ ئۇزۇندىن ، ئۇزۇنغا قىزغا تىكىلىپ قارايدىكەن . ئاندىن زېھنىنى يىغىپ ماقالىسىنى يازىدىكەن .
ئارلاشىقان ۋاقىتتنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ ئۇلاردا غەيرى تۇيغۇ پەيدا بوپتۇ . بىر قېتىم ئۇلار سىرىتقا زىيارەتكە چىقىپ ئاخشىمى بىر كىچىك قونۇپ قېلىشىقا توغرا كەپتۇ . كىم بىلسۇن بىرلا ھۇجرا قالغان ئىكەن . ئامالىسىز بىللە قونۇپتۇ . ئۇلار ئازراق ئوڭايسىزلىنىپتۇ . ئەر ئىككى كارىۋاتنى راسلاپ بولۇپ ،ئوتتۇرىسىغا بىر ئورۇندۇقىنى قويۇپ قىزىقچىلىق بىلەن: << بۇ دېگەن < 38 جى پاراللېل > سىزىقى ، بۈگۈن ئاخشام ھەر كىم ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ >> دەپتۇ . ئۇلار يېشىنمەيلا يېتىپ قاپتۇ . قاپقاراڭغۇ كېچىچە ئۇيقۇسى كەلمەپتۇ . ئۇلار تاغىدىن ، باغىدىن پاراڭلىشىپتۇ . ئەرنىڭ كۆزى ئۇيقۇغائىلىنىشى بىلەن تۇيۇقىسىز يېنىدا بىر نېمىنىڭ مىدىرلاۋاتقانلىقىنى تۇيۇپتۇ . سىيلاپ باقسا بىر باش ئىكەن .
ئەسلىدە قىز ھېسىسياتنى باسالماي ئەرنى مەھكەم قۇچاغلىۋالغان ئىكەن . ئەرنىڭ ھېىسسىياتى جۇشقۇنلىنىپتۇ ئەمما ناھايىتى تېزىلا ئۆزنى تۇتۇۋېلىپ قىزنىڭ قولىنى قويۇۋېتىپ كارىۋېتىغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ . ھەم ئۇنىڭغا نەسھەت قىلىپ : << مەن ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ >> دەپتۇ .
ئىككىنىچى كۈنى ئەتىگىنى بىرلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپتۇ . قىز يۇزلىرى قىزارغان ھالدا ئەرگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ : << تۈنۈگۈن ئاخشام توغرا دېدىڭىز >> . دەپتۇ . ئەر قىزنىڭ يۈزىنى بوشقىنە ئۇرۇپ قويۇپ : << بىز مەڭگۈ ئەڭ يېقىن دوسلاردىن >> دەپتۇ .
مۇھەببەت بىلەن دوستلۇق ئادەمنى ئاسانلا قايماقتۇرۇپ قويىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە مۇھەببەت تەركىبى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچ ، چۈشنىش ، سەمىمىيەتنى مول مەزمۇن قىلغان . ئەمما مۇھەببەت بىلەن دوستلۇقىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوخشىماسلىقلىرى بار .
مۇنداق بىر نۇقتا سىزنىڭ دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئاريىۋېلىشڭىزغا ياردەم بېرىدۇ .
دوستلۇق بولسا جىنىس ئايرىمايدۇ . ئوخشاش جىنىستا بولىسمۇ بولىدۇ . باشىقا جىنىستا بولسىمۇ بولىدۇ . ئەمما مۇھەببەت ئوخشىمايدۇ . ئۇ مۇھەببەت بىلەن جىنىسىي ھېسىسياتىنىڭ ، ئۆز ئارا بىرىكىمىسى بولۇپ . ئۆز ئارا ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان كۈچلۈك ھېسىسياتقا ئىگە . مۇھەببەت جىنىس تاللاشچانلىققا ئىگە بولىدۇ . شۇڭلاشىقا سەمىمىي دوستلۇق بولسا سىردىشىش ئۈچۈن ھەمىمىنى بېغشلاشتۇر . پاك مۇھەببەت بولسا پەقەت بىر ئادەمگە بېغىشلىنىدۇ . باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، ئەگەر سىز ئۇنىڭ باشىقا جىنىستىكلەر بىلەن يېقىن ئارلىششىقا باشقىچە پىكىردە بولمىسىڭىز ، ئاچچىق تۇيغۇ بولمىسا ، سىزنىڭ قارىشى تەرەپكە بولغان دوستلۇقىڭىزدۇر . ئەكىسىچە بولغاندا مۇھەببەت بولۇشى مومكىن .
يات جىنستىكىلەر بىلەن ئارىلاشىقاندا ، يات جىنىسقا بولغان سىرلىق تۇيغۇنى يوقىتىپ ھەقىقىي مۇھەببەتنى تېپىشىڭلارغا ياردەم بېرىدۇ . ئەمما ھەرگىزىمۇ مەلۇم دوستىڭىزنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا سىزگە يېقىنچىلىق قىلدىغانلىقىنى ، سىز بىلەن كېلىشەلمەيدىغانلىقىنى خاتا ھالدا مېنى ياخشى كۆرۇپ قاپتۇ دەپ قالماڭ . دوستلۇقىتىن مۇھەببەتكىچە يەنەخېلى ئۇزۇن ئارقىلىق بار .
دوستلۇقىنى مۇھەببەت دەپ خاتا تونۇپ قېلىش باشقىلارغىمۇ ھەم ئۆزىڭىزگىمۇ زىيان يەتكۇزىدۇ .
مەنبە : بالدۇر بىلىشكە تېگشىلىك 10 ئى دېگەن كتاب