ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلدە دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا ھامىلىنىڭ تۇغما غەلىتە تۇغۇلۇشى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشى، باش سۈيىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، تۇغۇلغان بالىنىڭ قان قەنتىنىڭ زىيادە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىلا ئەمەس،ئانىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا دىئابېت كېسىلى بار ھامىلىدارلار يېمەكلىك جەھەتتە ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ئەگەر قان قەنتى يەنىلا ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئىنسۇلىنلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا:
1.ئىسسىقلىق ئېھتىياجىغا ۋە تاماقنىڭ قېتىم سانىنىڭ مۇۋاپىقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ تولۇقلاشقا ئېھتىياج چۈشمەيدۇ. ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلدە ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىسسىقلىق تولۇقلىسا بولىدۇ؛
2. كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرىنى توغرا قوبۇل قىلىشى كېرەك.كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن مەقسەت، ئاساسلىقى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىشىنى ۋە نورماللىقنى ساقلاش، كېتون تەنچىنىڭ ھاسىل بولۇشىدىن ساقلىنىش؛
3. ئاقسىل تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؛
4. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك ياكى گۆشنى ئاز يېيىشى ۋە ياكى يېمەسلىكى تاماققا ئۆسۈملۈك يېغى ئىشلىتىشى كېرەك.