مەنبەسى: ئەلداۋا سالونى
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغۇچىلار ۋە ئۇنى داۋالىغۇچىلار ئۇزۇن ۋاقىت كۆزىتىش ئارقىلىق، دائىم قىزىق تاماق يېگەندە قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىلىرىدىكى ئېپتېلىيىلەرنىڭ كۆيۈپ تۇرىدىغانلىقى ، بۇ خىل زەخىمنى ئورنىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن توقۇلما ھۈجەيرىلىرنىڭ بۆلۈنۈشى تىزلىشىدىغانلىقى ۋە توقۇلمىلارنىڭ راكقا ئۆزگىرىپ كېتىشىدىكى ئاساسقا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى، بۇنداق چاغدا كۆكىرىپ قالغان پاسكىنا يېمەكلىكلەر، كۈچلۈك ھاراق ۋە تاماكا تەسىرلىرىگە ئۇزاق ۋاقىت ئۇچۇرغاندا، قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىلئۆڭگەچ راكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ نەيلياڭ رايونىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ كۆپ پەيدا بولۇشى، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ شوۋىگۈرۈچىنى بەك قىزىق ئىچىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا باغلىق ئىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدىمۇ قىزىلئۆڭگەچ راكى كۆپ پەيدا بولىدۇ، بۇ جايىدىكى ئاھالىلەر ئىچىدىمۇ قىزىق شوۋىگۈرۈچ ۋە بەك قىزىق قايناقسۇ ئىچىدىغان ئادەت بار. بۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن.