ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2015-يىللىق تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى) ئاياغلاشتى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 16 دە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:30 دە باشلىنىپ، 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 16:30 دە ئاياغلىشىدىكەن.